مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈ فېڭ، چېن لىڭ خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسىدىكى «نودۈن» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخى ئىچىدە، 23 ياشلىق ئايال ئىشچى ئامىنە پارچە-پۇرات رەختلەرنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئاران ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر پىشقان تىككۈچىگە ئايلانغان ئىدى.
ئامىنەنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئەسلىدە كەنتتىكى بىر ئادەتتىكى تىككۈچى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوشنىلىرىغا كىيىم-كېچەك تىكىپ بېرىپ كىرىم قىلىپ ئائىلىسىگە ئىشلەتكەن، كىرىمىمۇ مۇقىم بولمىغان، بىر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش-ئالتە يۈز يۈەن كىرىم قىلغان. ئۇ «نودۈن» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىگە كەلگەندىن كېيىن، ھەر ئايدا 1500 يۈەن مائاش ئېلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچ باغلىغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خۇجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تۈرلەر ئارقىلىق كەسىپلەرنى يېتەكلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇردى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، «يۈز كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىر قىسىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ نەقلىشىشىگە ئەگىشىپ، «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» لىرى ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شۇ جايدىكى نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.