تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قىشلىق مېيخۇالار ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاۋشەن مەنزىرە رايونىدا پورەكلەپ ئېچىلغان چىللىگۈللەرنى سۈرەتكە تارتماقتا.

   شىنخۇا تورى خەۋىرى:  چاغان  يېتىپ كېلىش ئالدىدا،  جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى يۈخاڭ رايونى چاۋشەن مەنزىرە رايونىدىكى قىشلىق مېيخۇالار ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلدى، سېرىق رەڭ قىشلىق مېيخۇانىڭ خۇش ھىدى ھەريانغا تارىدى، ئاق قىشلىق مېيخۇا بىلەن قىزىل قىشلىق مېيخۇا شاخ ئۇچىنىڭ ئۇ بۇ يەرلىرىدە ئېچىلىشقا باشلىدى، يەنە بىر قىسىم قىشلىق مېيخۇا غۇنچىلىرى  ئېچىلىشنى «تەقەززارلىق بىلەن ساقلاۋاتاتتى.» ئىگىلىنىشىچە، چاۋشەن مەنزىرە رايونىدا قىشلىق مېيخۇا  تاماشا قىلىش مەزگىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 3-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن، چاغان مەزگىلى قىشلىق مېيخۇا تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئىكەن.

   چاۋشەن مەنزىرە رايونى قىشلىق مېيخۇا بىلەن تونۇلغان بولۇپ، جياڭنەندىكى قىشلىق مېيخۇا  تاماشا قىلىدىغان ئۈچ داڭلىق يەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.  قىشلىق مېيخۇالار ئېچىلغان مەزگىلدە بۇ مەنزىرە رايونى مېيخۇا دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. چاۋشەندىكى مېيخۇالار  1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئاق قىشلىق مېيخۇا، قىزىل قىشلىق مېيخۇا، يېشىل قىشلىق مېيخۇا قاتارلىق تۈرلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق قىشلىق مېيخۇا كۆپ ئۇچرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى