ھەممە يەردە لەپىلدىگەن قار ئۇچقۇنلىرى، كۆپكۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ... قار ـ مۇز تەبىئەتكە ئاتا قىلغان بۇ ئۆزگىچە گۈزەللىكلەر تەسۋىرلەنگەن شېئىرىي قۇرلار كىشلەرنى بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئېلىشقا ئالدىرىتىدۇ. قىش پەسلىدە، كىشىلەرگە تونۇشلۇق قابا بىر يىلدىكى ئەڭ جەزبىدار تۈسكە كىرىدۇ. 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى «قارلىق دالىدىكى گۈزەل ئاق قېيىنزارلىق» قار-مۇز ساياھەت بايرىمىدا قار ـ مۇز ئويمىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ساياھەتچىلەر قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان ياخشى پائالىيەت. نۆۋەتتە، ئاق قېيىنزارلىق مەنزىرە رايونىدىكى قار ۋە مۇز ئويما ئەسەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن بولۇپ، ئاپئاق، كۆركەم قار ئويمىلىرى ھەم خىرۇستالدەك جۇلالىنىپ تۇرغان مۇز ئويمىلىرى بۇ جايغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقارماي قالمايدۇ!
(نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى )