مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن تيەنيۈ خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، خوتەن ۋىلايىتى بىر قەۋەت ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى، بۇ 2019-يىلىدىكى خوتەن ۋىلايىتىدە ياغقان تۇنجى قار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خوتەن شەھىرى بىلەن لوپ ناھىيەسىدە تارىختىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدە ياغقان كۈنلۈك ھۆل-يېغىن مىقدارىدا ئەڭ يۇقىرى قىممەت يارىتىلدى.
مۇخبىرنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23:00تىن 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 8:00گىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاز ۋە ئوتتۇراھال قار ياغقان، قار مىقدارى لوپ ناھىيەسىدە 6.6 مىللىلېتىر، خوتەن شەھىرىدە 5.5 مىللىلېتىر، گۇما ناھىيەسىدە 4.6 مىللىلېتىر، قاراقاش ناھىيەسىدە 4.6 مىللىلېتىر، چىرا ناھىيەسىدە 1.2 مىللىلېتىر بولغان. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ياغقان بۇ قېتىمقى قار 2019-يىلى كىرگەندىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقدا ياغقان تۇنجى قېتىملىق چوڭ دائىرىلىك قار ھېسابلىنىدىكەن.