تىيانشان تېرمىنالى خەۋىرى: كۆكتات ساتىدىغان جاھازىلار بىلەن بىر قاتاردا مەخسۇس نان رايونى تەسىس قىلىنىپ، ھەرخىل نانلار تىزىلدى، شەھەر ئاممىسى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نانلارنى تاللاپ سېتىۋالالايدىغان بولدى. شىمىگو رايونىدىكى مەھەللە كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىغا نان سېتىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىندى.
نان سېتىۋالغىلى كەلگەن تيەن شۇيۈەن مۇنداق دېدى: بىز ئادەتتە نان سېتىۋالغىلى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ باراتتۇق، ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىلا سېتىۋالالايدىغان بولدۇق. سېتىلىدىغان نانلارنىڭ ئۈستىگە يېقىلغان ۋاقتى، ساقلىنىش مۇددىتى ئېنىق چاپلىنىپتۇ، باھاسىمۇ بەك مۇۋاپىق ئىكەن، ھەم ئايرىم ئورالغاچقا چاڭ-توزان قونماي پاكىز تۇرىدىكەن، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇق.
ئۈرۈمچى شىمىگو رايونلۇق سودا ئىشلىرى ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)دىكى خىزمەتچى لى پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يېمەكلىكلىرى نۆۋەتتە شىمىگو رايونىدىكى 87 «مەھەللە كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى»غا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يېرىم ئايدىن بۇيان ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.