تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  بىخەتەر سىياسىي مۇھىت، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى، ئادىل قانۇنچىللىق مۇھىتى، ئەلا مۇلازىمەت مۇھىتى بولغاندىلا، ئاندىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ.

  ئەمدىلا يېپىلغان مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان سىياسىي-قانۇن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر، توپلانغان تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  «قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ باشلىنىشى.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور چارىلەرنى يولغا قويۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلدى، ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى، دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى، ئاساسىي قۇرۇلما خاراكتېرىگە ئىگە ئىسلاھات ئاساسىي گەۋدە رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى؛ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى، تېلېگراف تور جىنايىتى قاتارلىقلارنى قاتتىق جازالاپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى؛ ئىش بېجىرگەندە قانۇنغا تايىنىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇننى ئىشلىتىدىغان، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى شەكىللەنمەكتە، خەلق ئاممىسىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى. خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇنداق قارالدى: ئىقتىساد سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىش، جەمئىيەت سىجىل بىخەتەر، مۇقىم بولۇش جۇڭگو ياراتقان «ئىككى چوڭ مۆجىزە»، جۇڭگو دۇنيادىكى كىشىنى ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

  نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، تەجرىبىلەر تولىمۇ قىممەتلىك. يېڭى ئەمەلىيەت جەريانىدا، پارتىيەمىز سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم تەجرىبە توپلىدى. بۇ تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلىغاندا ئاساسلىقى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ياخشى ئىشلەشتە بۇ مۇھىم تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسىي-قانۇن ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش كېرەك.

  ۋەزىيەتنى كۆزىتەلەيدىغانلار دانادۇر، ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلار غالىبتۇر. دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، يېڭى دەۋردە سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پۇختا سىياسىي ئاساس، ئىقتىسادىي ئاساس، ئىجتىمائىي ئاساس، ئاممىۋى ئاساسىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشمۇ مۇقەررەر ھالدا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىل پەيدا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، بۇرچى، ۋەزىپىسى ئۆزگەرمەيدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي-قانۇن سېپى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلغاندىلا، كەسكىن، مۇرەككەپ خەۋپ-خەتەر، خىرىس ئالدىدا دەۋر يۈكلىگەن مۈشكۈل ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئالالايدۇ.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش يىلى، 2021-يىلى پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، 2022-يىلى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، ھەربىر يىل مۇھىم تارىخ تۈگۈنى بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كوردىناتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي-قانۇن سېپى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى «مۇقىملىق»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇملۇققا قويۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتكەندىلا، چوقۇم خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.