شى جىنپىڭ مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:
يېڭى دەۋردە سىياسىي-قانۇنغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك
ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى)
يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور چارىلەرنى يولغا قويۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى. مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور چارىلەرنى يولغا قويۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا پۈتۈن مەملىكەت سىياسىي-قانۇن سېپى ۋە كەڭ سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان تەرى مۇجەسسەملەنگەن. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش، خەلقنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى قۇرۇماس بۇلاققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاسماننى تېخىمۇ كۆك، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈك، ھاۋانى تېخىمۇ ساپ، يېمەكلىكنى تېخىمۇ بىخەتەر، قاتناشنى تېخىمۇ راۋان، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق، تەرتىپلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك. ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بايلىق كۈچىنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسىلىنى بىرلىشىپ تۈزەيدىغان، خىزمەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ئامانلىقنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئامانلىق قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيە، ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تولۇپ تاشقان توغرا كەيپىيات، ھەققانىيلىققا ئىگە قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا بويسۇنغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلغانلارنىڭ كۆڭلىنى يايرىتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئەخلاقىنى يوقاتقانلارنى بىر قەدەممۇ ئىلگىرى باسالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئامما ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئامما، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. جەمئىيەت پىسخىك مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە يېتەكلەش مېخانىزمى، خەۋپكە ئارىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئەقلىي، مۇلايىم، دوستانە، مېھرىبان ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق ھالەتنى يارىتىش كېرەك. ئىستېرېئولۇق، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە مۇداپىئەلىنىش-كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قارا، رەزىل كۈچلەر جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چىرىتىدۇ. ئۈچ يىللىق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماي، باسقۇچلار بويىچە، ساھەلەر بويىچە تاكتىكا، ئۇسۇلنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى تەڭشەپ، كۈچلۈك ھۇجۇم ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق زور دېلو، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، پەردە ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى» «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نىڭ پېيىدا بولۇپ قويۇۋەتمەي، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىنچىكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سەرخىللاشقان، ماسلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىياسىي-قانۇن ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشى كېرەك. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ماسلىشىشى كۈچلۈك، چەكلىشى ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، فۇنكسىيەنى سەپلەش، ئاپپارات تەسىس قىلىش، خادىملار ئىشتاتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يۈرۈشۈشىنى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك. ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە خادىملىرىنى زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىدىغان، دېلونى ياخشى بېجىرىدىغان قىلىپ، ئەدلىيەنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى كۈچلۈك ئىجرا قىلماسلىق، ئەدلىيەدە ئادىل بولماسلىق، ھەتتا قانۇن ئىجرا قىلىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئەدلىيەدە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلولارنىڭ مۇرەككەپ، ئاددىيلىرىنى ئايرىش، يېنىك- ئېغىرلىرىنى ئايرىش، تېز-ئاستىلىرىنى ئايرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ئەدلىيە خىزمىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى كۆپ مىقداردىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى زىممىسىگە ئالغان، تىرىشىپ ئومۇمىي مەنپەئەتدار-تەكشى، قولاي-يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق-دەل جايىدا بولغان ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. «كىنىشكىلارنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش»ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، رايون ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش، دەۋا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دەۋا ئىشلىرىنىڭ رايون ھالقىپ يىراق مۇساپىلىك بېجىرىلىشى، قاتلام، دەرىجە ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ بېجىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، باشقا جايدا دەۋا قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادۋوكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، ئەدلىيەلىك باھالاش، كېسىم قىلىش، ئەدلىيەخانا، خەلق مۇرەسسەسى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمەت بايلىقىنى تېز بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ، پۈتۈن ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى قاپلىغان قانۇن مۇلازىمەت تورىنى تېز قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دۆلەت سىرتى خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى ئاپپاراتلىرى، خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق سىياسىي-قانۇن قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، كەڭ كادىر-ساقچىلارنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىرادىسىدىن يانماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، كۆپكە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى قەتئىي يوقىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇشى كېرەك. كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي جەڭ، ئەمەلىي قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈم يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ قانۇن-سىياسەتلەرنى تەتبىقلاش ئىقتىدارى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، پەن-تېخنىكىنى قوللىنىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي-قانۇن قوشۇنى−تىنچ يىللاردىكى ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان، ئەڭ چوڭ قۇربان بەرگەن قوشۇن. بۇ ئالاھىدە قوشۇنغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈپ، خىزمەت جەھەتتە مەدەت بېرىپ، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامالنىڭ بارىچە ھەرخىل ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كادىر-ساقچىلارنى خاتىرجەم ياشاش، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇش، كەسپىنى خاتىرجەم ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي-قانۇن رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي- قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى ئۆز ئالدىغا، ئادىل يۈرگۈزۈشىنى قوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتلىرى خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇش، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، سىياسىي-قانۇن قوشۇنى قۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش مۇھىتى يارىتىشقا قويۇپ، سىياسىي تەپتىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىستىلىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش-چارلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈزۈم، مېخانىزمنى مۇنتىزىملاشتۇرۇشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى كۈچەپ قوغداپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
قىسمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىغىنغا قاتناشتى.
مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، مەركەزدىكى ھەرقايسى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.