ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ سۇڭۋېن خەۋىرى: مۇخبىر 2019-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قابا ناھىيەسى تېرەكتى يېزىسى چىبارشىلىك كەنتىگە كەلدى. بۇ جاينىڭ بىر تەرىپى تاغقا، بىر تەرىپى دەرياغا يانداش بولۇپ، قىش پەسلىدە قاتار-قاتار ياغاچ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئاپئاق قار بىلەن ئورىلىدۇ، ياغاچ ئۆيلەرگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆركەم قارلىق تاغ باغرىدا توپ-توپ يۈرگەن چارۋىلار قىش ئايلىرىدا تىمتاسلىققا چۆمگەن بۇ خىلۋەت جاينى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. بۇ جايدىكى كىشىلەر ئىنتايىن ئاددى-ساددا، مېھماندوست، تۈز كۆڭۈل بولۇپ، ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان قازاق مىللىتىنىڭ مەززىلىك تائاملىرى بىلەن يىراق-يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەن ھەر قانداق بىر ئادەم شەھەرلەردىكى شاۋقۇن-سۈرەننى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، جىمجىتلىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ راھەت تۇيغۇغا كېلىدۇ.
قىشتىكى گۈزەل قابا
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/01/18 10:41
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.