ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسىپى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدە ئىككى ئوقۇغۇچى ئاپتوموبىل شەكلى چىقىرىلغان قار ئويمىنى كۆرمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسىپى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىڭىزدە قار-مۇز دۇنياسىغا كىرگەندەك بولۇپ قالىسىز: ئاپتوموبىل، ئوق پويىزلارنىڭ قار ئويمىسى ھويلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە، ئانار، سەددىچىن سېپىلى، تيەنئەنمېن قاتارلىقلارنىڭ قار ئويمىسى مەيداننىڭ ئوتتۇرىدا قاتار تىزىلىپ تۇرىدۇ. بۇ قار ئويمىلاردىكى ئاپئاق قار بىلەن رەڭلىك بېزەكلەر بىر-بىرىگە تولىمۇ ماسلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ ئۆزگىچە گۈزەل قىش مەنزىرىسىدىن خاتىرە قالدۇردى.
مەكتەپ ئەخلاق-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مۇشىن مۇنداق دېدى: بۇ قار ئويمىلارنى مەكتىپىمىزنىڭ 38 سىنىپىدىكى 2000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بىرلىكتە لايىھەلىگەن، ئۇلار مەكتەپتىكى يىغىلىپ قالغان قارلاردىن 19 گۇرۇپپا قار ئويما ئويدى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياشلىق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.