تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋارسجان ئۆمەرجان خەۋىرى): مۇخبىر 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ماناس ناھىيەسى لەنجۇۋەن بازىرىنىڭ ۋاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى «ئالتۇن ياڭيۇ» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پىنتۇزاپىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى سېخىدا كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئالدىراش ھالدا يېڭىلا پىششىقلاپ ئىشلىگەن ياڭيۇ پىنتۇزىلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«ئالتۇن ياڭيۇ» ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2018-يىلى 11-ئايدا بىر مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، پىنتۇزا پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى ھەمدە مول سېلىنلىق ياڭيۇنى تاللاپ، بۇنىڭدىن قولدا ئىشلەنگەن ياڭيۇ پىنتۇزىسى ئىشلەپچىقاردى. مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئىستىمالچىلارنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ماناس ناھىيەسى ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. يېقىنقى ئىككى كۈندە، ماناس ناھىيەسى لياڭجوۋخۇ بازىرىنىڭ تەيياڭمياۋ كەنتى ئاھالىسى فۇ گوپېڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەسئۇلىنىڭ قولىدىن 120 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىمات پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. فۇ گوپېڭ 2017-يىلى ماناس ناھىيەسىدىكى «مۇيې تىيەنخې» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن يەرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش توختامىنى ئىمزالاپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەمىنلىگەن تېرىش، باشقۇرۇش، يىغىۋېلىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ماناس ناھىيەسىدە نۆۋەتتە ئۆلچەملىك يۈرگۈزۈلىۋاتقان ھەمكارلىق كوپىراتىپدىن 191ى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك كوپىراتىپتىن ئىككىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك كوپىراتىپتىن 29ى، ئوبلاست دەرىجىلىك ئۈلگىلىك كوپىراتىپتىن 38ى بار ئىكەن.