ماتېرىيال سۈرەت
مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى خەۋىرى: ئۈرۈمچى خوڭشەن ھەممىباب كارتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خوڭشەن ھەممىباب كارتىسى شىركىتى» دېيىلىدۇ)نىڭ يەتتىنچى تىجارەت تور نۇقتىسى ئۈرۈمچى يىمىن سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.
خوڭشەن ھەممىباب كارتىسى شىركىتىنىڭ بازار تىجارىتى بۆلۈم باشلىقى لۇ شياۋشۈ مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش كارتىسى كەسپىنى بېجىرىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلەرنى پۈتتۈرۈپ، يىمىن سارىيىدا يېڭىدىن تىجارەت تور نۇقتىسى ئاچتۇق، بۇ يەردە ئاھالىلەر ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش كارتىسىنى يېڭىدىن بېجىرىش، يىللىق تەكشۈرتۈش ۋە يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش، ئادەتتىكى كارتىنى يېڭىدىن بېجىرىش، قىممەت تولۇقلاش، يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.
نۆۋەتتە، خوڭشەن ھەممىباب كارتىسى شىركىتىنىڭ تىجارەت قىلىش تور نۇقتىسىدىن جەمئىي يەتتىسى بولۇپ، يىمىن سارىيىدىن باشقا، ۋاڭجيالياڭ، تيەنبەي داڭلىق ماللار دۇكىنى، توۋگۇڭ، خوڭشەن BRT ئاپتوبۇس بېكىتى، تۆمۈريول ئىدارىسى BRT ئاپتوبۇس بېكىتى، ئۈرۈمچى ۋوگزالى قاتارلىقلار بار.
بۇنىڭدىن سىرت، شەھەر ئاھالىلىرى BRT بېكەتلىرىگە ئورنىتىلغان 40 نەچچە ئاپتوماتىك قىممەت تولۇقلاش ئاپپاراتى ئارقىلىق يېڭى كارتا بېجىرسە ۋە قىممەت تولۇقلىسا؛ ئۈرۈمچىدىكى 14 تېلېگراف ھەمكارلىق تىجارەت زالىدا ئاممىۋى قاتناش كارتىسىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرسە؛ خوڭشەن ھەممىباب كارتىسى ۋاكالىتەن سېتىش تور نۇقتىلىرى (لىئەن، 8:30 تاللا بازىرى، بەيساۋتاڭ دورا دۇكىنى، بيەنلىچۈەن تاللا بازىرى قاتارلىق)دا يېڭى كارتا بېجىرسە ۋە قىممەت تولۇقلىسا بولىدۇ.