تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

خىزمەتدىشىنىڭ ئائىلىسىدىن ئىزچىل خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەر-ئايال

ئىككى ئائىلە كىشىلىرى مۇڭداشماقتا. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جىڭ خەۋىرى: «1-ئاينىڭ 21-كۈنى قىزىمىزنىڭ 22 ياشلىق توغۇلغان كۈنى، يولدىشىم ئىككىمىز ئۇ تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەندە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلاشتۇق» دېدى ليۇ شۇخۇا يېقىندا.

  ليۇ شۇخۇا بىلەن يولدىشى ۋۇ ۋېييۇڭنىڭ «قىزى» يۇلتۇزئاي ئەنۋەر ھازىر شاڭخەي تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىدە ئوقۇۋاتىدۇ، يۇلتۇزئاي ئاقكۆڭۈل، ئەقىللىق بولۇپلا قالماي، ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇيتتى، داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ كەلگەن. بۇ سۆيۈملۈك «قىزى»دىن ئەر-ئايال ئىككىيلەن ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى.

  «يولدىشىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ۋۇ ۋېييۇڭ ئەر-ئايال مەن بىلەن تەڭ قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى، ئۇنى مەكتەپتە ئوقۇتتى، قىزىمغا خۇددىي ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلدى، 16 يىلدىن بۇيان ئىزچىل شۇنداق داۋاملاشتۇردى» دېدى يۇلتۇزئاينىڭ ئاپىسى گۈلبەھرەم، ئۇ قىزىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇنەۋۋەر بولۇشىنى ۋۇ ۋېييۇڭ ئەر-ئايالنىڭ تەربىيەسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرى.

  ۋۇ ۋېييۇڭ ئەر-ئايال بىلەن يۇلتۇزئاينىڭ تەقدىرىنى بالىنىڭ دادىسى ئەنۋەر سالىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى. ئەنۋەر 1986-يىلى قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونىغا كېلىپ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ۋۇ ۋېييۇڭ ئەنۋەرنىڭ بەنجاڭى بولۇپ، ئىككىسى شۇ سەۋەبلىك تونۇشقان. «ئۇ تىرىشىپ، ئەستايىدىل ئىشلەيتتى، ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى، سەل ئالدىراقسانلىقىمۇ بار ئىدى» دېدى 55 ياشلىق ۋۇ ۋېييۇڭ. ئەينى ۋاقىتتا كۆپچىلىكنىڭ يېتىپ قوپۇشى، تامىقى ئىدارىدە بولۇپ، ئىككىيلەن بىر ياتاققا بۆلۈنگەن، بىللە تاما يەپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلغان، ئۇزۇن ۋاقىت ئارىلاشقاندىن كېيىن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالغان.

  ۋۇ ۋېييۇڭ ئەر-ئايال 1996-يىلى ئەنۋەرنىڭ توي مۇراسىمىدىكى بەختلىك مىنۇتلارغا گۇۋاھ بولغان، كېيىن ئەنۋەرنىڭ ئۇماق قىزى يۇلتۇزئاي تۇغۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلىشىپ، ياردەمگە موھتاج بولغان ۋاقىتلىرىدا بىر-بىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىدىغان بولغان.

  ئەنۋەر 2002-يىلى قىشتا بەختكە قارشى تويۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا گۈلبەھرەم ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئايدا 800 يۈەنلا پۇل تاپالايتتى، قىزى بولسا بەش ياشتا ئىدى. ئەنۋەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلىدىغان ۋۇ ۋېييۇڭ ئەر-ئايال دەل ۋاقتىدا ئەنۋەرنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملەشتى، كېيىن ئۇلار كۈندە كېلىپ گۈلبەھرەمگە تەسەللىي بېرىپ، ئۇنىڭ قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈۋېلىشىغا ھەمراھ بولدى. گۈلبەھرەم: «يولدىشىم ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، ۋۇ ئاكام ماڭا 2000 يۈەن بېرىپ: ‹قورقماڭ، بىزلا بولىدىكەنمىز، ھەممە قىيىنچىلىق ئۆتۈپ كېتىدۇ› دېدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئاكام بىلەن يەڭگەم 16 يىلدىن بۇيان قىزىم ئىككىمىزگە ياردەم بېرىپ كەلدى».

  ۋۇ ۋېييۇڭ ئەر-ئايالنىڭ غەمخورلۇقىدا يۇلتۇزئاي تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ ئائىلە ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلماقچى بولدى. ۋۇ ۋېييۇڭ ئۇنىڭغا: «ئەنسىرىمەڭ قىزىم، ياخشى ئوقۇسىڭىزلا بولدى، ئوقۇش خىراجىتىڭىزگە مەن بار» دېدى. ئۇ يۇلتۇزئايغا توختىماي شۇنداق تەسەللىي بېرىپلا قالماي، ئۇنى ئىمتىھانغا پائال تەييارلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  يۇلتۇزئاي: «داشۆنى پۈتكۈزۈپ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىمەن، ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ كەلگەن ئىككى ئىللىق ئائىلەمگە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى