مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا خەۋىرى : چاغانغا يەنە يېرىم ئايدىن كۆپ ۋاقىت بولسىمۇ، ھەر قايسى چوڭ-كىچىك بازارلار قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولدى. 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى ۋە ھەرقايسى سودا-ساراي، تاللا بازارلىرىنى زىيارەت قىلىشىچە، قىپقىزىل «بەخت» خېتى، مەسنەۋى، ھەرخىل شەكىلدىكى پانۇس قاتارلىق چاغانلىق بۇيۇملار بازارغا سېلىنغان بولۇپ، كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلارغا قويۇپ قويۇلغان.
شىنجاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى سىرتىدا يايما ئاچىدىغان جاۋ خانىمنىڭ مۇنداق دېدى: بىز تۆنۈگۈندىن باشلاپ چاغانلىق مەسنەۋى، «بەخت» خېتى قاتارلىقلارنى يايما ئورنىمىزغا تىزدۇق، بۇلارنى سېتىۋالىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى.