شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا تولۇق تەييارلىنىپ، ئۈرۈمچىدىن سەنيا، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زىچلاشتۇرۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن ئېتىبار بېلەتلەرنى ئالدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىدۇ.
چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە بېلەتنى ئالدىن سېتىۋالغاندا داۋاملىق ئېتىبار بېلەتلىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئايروپىلان بېلىتى باھاسى ئۈرۈمچى-بېيجىڭ 870 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-گۇاڭجوۋ 1320 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-شاڭخەي 1760 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-سەنيا 2160 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-شيامېن 2390 يۈەندىن، ئۈرۈمچى- چېڭدۇ 1280 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-جېڭجوۋ 1430 يۈەندىن باشلىنىدۇ. شىنجاڭ ئىچىدە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى قىممەت ئەمەس، ئېتىبار بېلەتلىرىنىڭ سانى چەكلىك، بېلەت باھاسىدا ھەرقاچان ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنكەن.
چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋغا قاتنايدىغان ئايروپىلان لىنىيەلىرىنىڭ بېلەت باھاسىدا ئېتىبار كۆپرەك ئىكەن، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، قەشقەر، ئاقسۇ، ئالتاي، قاراماي، بورتالا قاتارلىق لىنىيەلەردىمۇ ئېتىبار باھالىق بېلەتلەر بار ئىكەن.