تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2019-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى لىنىيەسى ئاقسۇدىن باشلىنىپ خوتەندە ئاخىرلىشىدۇ

    مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاپتوموبىل ـ موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى كۇلۇبى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ لىنىيەسى ئاقسۇدىن باشلىنىپ، خوتەندە ئاخىرلىشىدىكەن، بارلىق مۇسابىقە تۈرى تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئەتراپ رايونلاردىكى قاقاسلىق ۋە قۇملۇقلاردا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
    خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاپتوموبىل ـ موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى كۇلۇبى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن 2019-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ خوتەن رايونىدىكى ھەمكارلىشىش توختامىنى تۈزگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى 5-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىكەن.
(سۈرەتنى شىنجاڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاپتوموبىل ـ موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى كۇلۇبى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شېخو كوچا ئويۇنى چاغاننى قىزىتىۋەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى