تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلبىمىز تۇتاش، رىشتىمىز چىڭ يۇغۇرۇلغان، بىز مەڭگۈ بىر ئائىلە كىشىلىرى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر، پەرىزات

        ۋەكىللەر، ئەزالار ساداسى

  تۇغقانلار بىلەن بىللە خېمىر يۇغۇرۇپ نان يېقىش، بىرلىكتە كۆڭۈللۈك بايرام ئۆتكۈزۈپ، جەم بولۇپ مۇڭدىشىش، تۇغقانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۇغقانلارغا ياردەملىشىپ پاختا تېرىش، تۇغقانلارنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ ساياھەت قىلدۇرۇش... بۇلتۇردىن بۇيان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى 1 مىليون 690 مىڭ ئائىلىدىكى ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش داۋامىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ھېسسىياتنى كۈچەيتتى. ھەر مىللەت ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ئۆزئارا بېرىش- كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، رىشتىنى چىڭ يۇغۇرۇپ، ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى.

  ليۇ شۆجۈن:تۇغقىنىمنىڭ ئىشى ئۆزۈمنىڭ ئىشى

  «مەن يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى يېڭىئاۋات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ساۋۇت بىلەن تۇغقان بولدۇم، بۇلتۇر تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە ئالتە قېتىم باردىم، ھەر قېتىم بارغىنىمدا بىرقانچە كۈن قوندۇم. تۇغقىنىمنىڭ ئوغلى نۇرمەمەت تۇرسۇن مېنىڭ ئوغلۇمدىن بىر ياش چوڭ، ئۇنى ئۆز بالامدەك كۆرىمەن». ئەزا ليۇ شۆجۈن مۇنداق دېدى: ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش داۋامىدا، بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق.

  «يېڭى تونۇشقاندا، نۇرمەمەت ئالغا ئىنتىلىشنى ئويلىمايتتى، مەن ئۇنىڭغا مەنمۇ يېزىدىن چىققان، تىرىشىش ئارقىلىق دۆلەت كادىرى بولدۇم. بەختلىك تۇرمۇش كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، دېدىم. ئۇ گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەم ماڭا سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە بۇنداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم». ليۇ شۆجۈن نۇرمەمەتكە خىزمەت تېپىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئالالايدىغان بولدى.

  «بىز دائىم ئۈندىداردا پاراڭلىشىمىز، ھازىر ئۇ بەك غەيرەتلىك، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ خۇشالمەن.» دېدى ليۇ شۆجۈن مەمنۇن بولغان ھالدا.

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى گېئولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)

  پاڭ زىجيەن:ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما مېنىڭ تۇغقىنىم

  «مەن شەندۇڭ يەنتەيدىن شىنجاڭ قەشقەرگە كەلگەن تۆت يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ھاياجان ۋە خۇشاللىقلارغا ئېرىشتىم. ماڭا نىسبەتەن بۇ يەر مېنىڭ يۇرتۇم، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما مېنىڭ تۇغقىنىم.» ۋەكىل پاڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: مەن 2014-يىلى 7-ئايدا قەشقەرگە كېلىپ يېزا-بازاردا ئاساسىي قاتلام كادىرى بولدۇم.

  «خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، ئائىلىلەردە قونغان چاغدا، مەن ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، قانۇن-نىزام بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدىم، كەچتە بىز بىرلىكتە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگەندۇق. مەن يۇرتداشلارغا بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ سۈرەت، سىنلىرىنى كۆرسەتتىم، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە شۇ يەرلەرگە ئىنتىلىش ھېسسىياتى ئەكس ئەتتى، بۇنىڭدىن بەختىيار تۇرمۇشنىڭ بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مەن چىن قەلبىم بىلەن يۇرتداشلارغا مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى پاڭ زىجيەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، يېزىلاردا توپىلىق يوللار كەڭ، تۈپتۈز ئاسفالت يوللارغا ئايلاندى، كەنت يوللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى، ھويلا-ئارانلاردا كىچىك ئەگمە كۆكتات لاپاسلىرى قەد كۆتۈردى، كەنتلەردە خۇشال كۈلكە سادالىرى كۆپەيدى، كۆپچىلىك كەچلىك كۇرسلاردا ئوقۇپ، مەدەنىيەت ئۆگەندى، كەنتلەردە زامانىۋى مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى تارقالدى.

  «بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىم ۋە ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى، بىز پارتىيەلىك كادىرلار ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تۇرمۇشىمىزدىكى ھەربىر ئۇششاق ئىنچىكە ئىشلارغىچە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى پاڭ زىجيەن.

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يەكەن ناھىيەسى چېڭشى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى)

  مەمەتجان داۋۇت:تۇغقانلىرىمنى بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن

  «مېنىڭ ئىككى تۇغقىنىم بار، بىرىنىڭ ئىسمى ئىمىن سايىت، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى شى شېڭگو، ھازىر ئۇ ئىككىسىمۇ تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى» دېدى ئەزا مەمەتجان داۋۇت.

  «تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسى خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى قاقشال كەنتىدە، ئىمىن ئىلگىرى نامرات ئاھالە ئىدى، مەن ئۇنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇردۇم. بۇ ئىككى يىلدا، ئىمىن ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئاكتىپ ئۆگەندى، بۇلتۇر ئۇ ئىككى سىلوس ئورىكى ياسىدى، سىلوسلاش مىقدارى 60 توننىغا يەتتى، ئائىلىسىدىكى ئىككى كالىسى سەككىزگە كۆپەيدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى. شى شېڭگو 50 مو يەردە چىلان ئۆستۈردى، ئۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىلمىي باشقۇرۇپ چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى، كىرىمى يىلدىن-يىلغا ياخشىلاندى» دېدى مەمەتجان تۇغقانلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى توختىماي سۆزلەپ.

  «مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسۇن، ئۇلار بىرىنچى بولۇپ ماڭا تېلېفون قىلىدۇ، مەن ھەرقاچان ئۇلارغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىمەن، تۇغقانلىرىمنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم» دېدى مەمەتجان.

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى