تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەيلى، راۋاجلاندۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  قولۋاقنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە، پالاقنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ تامچە سۇ تاشنى تەشكەندە، بىر تېمىممۇ توختاپ قالسا بولمايدۇ. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ، بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇلمايدۇ.

  «بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.» 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  «تولۇق قوراللىنىپ، قايتا ئاتلىنىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك». پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەر ۋاقىت «قورشاپ ئوۋلىنىش»، چىرىتىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. رېئاللىق شۇنى قايتا-قايتا كۆرسەتتىكى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە چېكىنىشكە بولمايدۇ، چېكىنگۈدەك ئىمكانىيەتمۇ يوق، جەزمەن «قاتتىق» بولۇشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور. پۈتۈن پارتىيە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا، بۇيرۇق، تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ تۈزەپ، مۇتلەق غەلىبىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش؛ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. بۇ ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، دەۋرچانلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى، دادىل كۈرەش قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، بوشاشماي، توختاپ قالماي، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مەخسۇس ئورگانلىرى، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئورگانلارنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىم ھويلا-ئارانلىرىنى تازىلاپ، كۆپكە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى پاكىز يوقىتىشى كېرەك. كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى، بېسىمغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشى، قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان بولۇشى؛ شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى ماھارەتنى مەشىق قىلىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىرادىسى چىڭ، ھەرىكىتى كەسكىن بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  ئەلرايى− ئەڭ چوڭ سىياسىي، ھەققانىيەت− ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ. بىزنىڭ بۇنداق 89 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى بار، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيەمىز پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك. مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق جەھەتتە چۆچۈتۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىزىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم تىنچ، ئاسايىشلىق، سىياسىيسى پاك، ئوچۇق ۋەزىيەتنى كۈتۈۋالالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى