تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

  «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى. 1- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ بىر ياخشى ئەنئەنىسى. بىزنىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى ئەمەلدار باشقۇرۇشنى ئۆگىنىشىمىزدىكى مەقسەت ـــــ دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئەمەلدار باشقۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى بەزى ئۆرنەكلەر بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. توغرا سىياسىي لۇشيەنگە توغرا تەشكىلىي لۇشيەنگە تايىنىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق - قابىلىيەت ئۆلچىمىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئادەمنى ئادىل ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەخلاق - قابىلىيەت ئۆلچىمىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك. كادىرلار سىياسىي ئەخلاق - پەزىلەت، كەسپىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، ئائىلىۋى گۈزەل ئەخلاق قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى، سىياسىي ئەخلاق- پەزىلەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئادەمنى ئادىل ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئادەمنى ئادىل ئىشلىتىش پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تەشكىلىي لۇشيەندىكى ئىپادىسى، ئۇنى ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىشىمىز كېرەك. ئادەمنى ئادىل ئىشلىتىشنىڭ ئادىللىقى ئادىل قەلبكە باغلىق، ئىشقا باغلىق، توغرا كەيپىياتقا باغلىق. ئادەم ئىشلىتىش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. نەزەر دائىرىنى ئېچىپ، كادىرلار قوشۇنى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە مەسئۇلىيەتنى تەكىتلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى مۇھىم بىلىدىغان روشەن يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كادىرلارنى ئىش قىلىپ، نەتىجە يارىتىش جۇشقۇنلۇقىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.