ئۈرۈمچى شەھەرلىك 44-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى جىڭجۈ تىياتىرى «قىزىل بايراقنى مۈرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈش» بىرلەشمە ناخشىسىنى ئېيتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. «ئۈرۈمچى ئاۋازى» دراما ۋە ئەلنەغمە مەستانىلىرى يىغىلىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسىدا باشلاندى، دەسلەپكى تاللاش، تەكرار تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۈزۈپ چىققان 18 نەپەر (گۇرۇپپا) ماھىر تەرتىپ بويىچە سەھنىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئېسىل دراما ۋە ئەلنەغمە مەدەنىيىتى «كاتتا زىياپىتى» بەردى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، مۇسابىقە «ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ھالدا تىزىمغا ئالدۇرۇشتا ياش چەكلىمىسى شۇنداقلا تىياتىر تۈرىگە چەك قويمىغان، تىزىملاش 2018-يىلى 11-ئايدا باشلانغان بۇيان، جەمئىي 600دىن ئارتۇق كىشى مۇسابىقىگە تىزىملاتقان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دراما ۋە ئەلنەغمىلەرنى مەكتەپلەردە، مەھەللىلەردە ئورۇنداش پائالىيىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. (دىڭ لېي فوتوسى)