تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

تەييار ماي باھاسى بۇ يىلقى تۇنجى ئۆرلەشنى كۈتۈۋالدى

   تەييار ماي باھاسى بۇ يىلقى تۇنجى ئۆرلەشنى كۈتۈۋالدى، 50 لېتىرلىق بىر باك 92–نومۇرلۇق بېنزىننىڭ تەننەرخىگە تۆت يۈەن قوشۇلۇپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ يول يۈرۈش تەننەرخى ئازراق ئاشتى.

   دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇقتۇرۇپ قىلىپ، 1–ئاينىڭ 15–كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بېنزىن، دىزېل (ئۆلچەملىك مەھسۇلات) باھاسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 105يۈەن/توننا ئۆرلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ باھانى لېتىر باھاسىغا سۇندۇرغاندا، 92–نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0–نومۇرلۇق دىزېلنىڭ باھاسى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 0.08يۈەن ۋە 0.09يۈەن ئۆرلەيدۇ.

   ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن، يېقىلغۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كۈندىلىك يولغا چىقىش تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق باھا ئۆرلەش پەرقى نىسبەتەن كىچىك بولغاچقا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ بازارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كىچىك بولىدىكەن. بۇ قېتىملىق باھا تەڭشەش ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ماي باك سىغىمى 50 لېتىرلىق ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ 92 – نومۇرلۇق بېنزىننى بىر قېتىم لىق توشقۇزۇشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۆت يۈەن ئۆرلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى