تورىمىز خەۋىرى: 2016-يىلى چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق قار ماكانى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا يايما ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىپ، ئىقتىسادىي كىرىمى تۆۋەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بېرىلدى. بۇ سىياسەتنىڭ ياردىمى بىلەن، ئىلگىرى ئىزچىل نامرات ھېسابلانغان ئادىلبېكمۇ ساياھەتچىلىكتىن مەنپەئەتلىنىپ، ھازىر بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، شۇ جايدىكى 100گە يېقىن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلىك بارلۇق قار ماكانى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېمەك-ئىچمەك كەسىپلىرىنى قانات يايدۇرغان. بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەخمىنەن 490 مىڭ ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋېلىپ، 330 مىليون يۈەن كىرىم قىلىپ، 200دىن ئارتۇق كىشىنى ساياھەتچىلىك كەسپى بويىچە تەربىيەلىگەن، ناھىيە بويىچە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 550 كە يەتكەن.