شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جېڭ يىيۈەن): 2018~2019-مۇسابىقە پەسلىلىك مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر تېز مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى داچىڭ شەھەرلىك مۇز تېيىلىش سارىيىدا ئاياغلاشتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىگە ۋەكىل بولۇپ بارغان شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەتچىلىرى بۇ قېتىلىق مۇسابىقىدە يەتتە تۈردە چېمپىيون بولدى.
شىنجاڭلىق ماھىرلاردىن ليۇ زېخاۋ ئەرلەر ئا گۇرۇپپىسىنىڭ 1500 مېتىر ۋە 5000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرلىرىدە، ما يۈخەن ئاياللار ئا گۇرۇپپىسىنىڭ 1500 مېتىر ۋە 3000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرلىرىدە، دېڭ جىخەن ئەرلەر ب گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي ماھارەت ۋە 1500 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە، ما رۈيجيې ئاياللار ب گۇرۇپپىسىنىڭ 1000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى.