مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ خەۋىرى: يېقىندا دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يەنە توققۇز جايىدىكى سۇلۇق يەر باغچىسى رەسمىي دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئايلاندى. بۇ يەنە شىنجاڭنىڭ 51 جايىدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى (سىناق نۇقتىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىچىدە، 20 جايدىكى سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايون ۋە سۇلۇق يەرلەرنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەن توققۇز جايدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى ئايرىم ھالدا: شىنجاڭ ئىلى نارات دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ ئېمىل دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ يېڭىسار دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ كېرىيە كېرىيە دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ ئۇچتۇرپان توشقان دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسى ئۈلۈڭگۈر دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ جېمىنەي ئېگىز تاغ مۇز ياقىسى رايونى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ لايكۆل دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ تارباغاتاي بەش تارلىق دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى ئىكەن.