2498 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆتكۈنچى يولۇچى كۈتۈش زالىغا بىرلا ۋاقىتتا 1500 ئادەم سىغىدۇ.
مۇخبىرىمىز جاڭ دوڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ياۋ چيەن خەۋىرى: مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، كورلا پويىز ئىستانىسىسى ئۆتكۈنچى يولۇچى كۈتۈش زالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ، ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا 35 يىل بولغان يولۇچى كۈتۈش كونا زالىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىدىن، يولۇچى كۈتۈش يېڭى زالىنىڭ يولۇچى كۈتۈش كونا زالىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتا سېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، يولۇچى كۈتۈش يېڭى زالىنىڭ 2019-يىلى ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، كورلا شەھىرى تۇرمۇش يولى بېلەت سېتىش زالىنىڭ غەربىي يان تەرىپىگە 200 مېتىر كېلىدىغان ئۆتكۈنچى يولۇچى كۈتۈش زالى يولۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.