تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئاڭلىق ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىمەن

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن قاسىم

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە، مەن مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پوزىتسىيەمنى ئېنىق ئىپادىلەيمەن، كۆز قارىشىمنى روشەن ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دەيمەنكى: مەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، مەن كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن، ھەر قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن.

  ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىكىمدە ئۆيىمىز ئىدارىنىڭ چوڭ قورۇسىدا ئىدى، ھەر مىللەت قولۇم-قوشنىلار ئېجىل-ئىناق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتۇق. ئادەتتە چوڭلار ئۆزئارا كىرىش-چىقىش قىلىشىپ، دائىم بىللە مۇڭدىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلاتتى، ھېيت-بايراملاردا ئۆزئارا تەبرىكلىشەتتى، مەززىلىك تائاملارغا بىللە ئېغىز تېگەتتى، ئەزەلدىن سېنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايتتى؛ كىچىك دوستلار بىللە ئۆگىنەتتۇق، بىللە ئوينايتتۇق، بىللە ياشاپ، تەڭ ئۆسۈپ يېتىلدۇق. دادام بىر پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، ئۇ بىزگە جۇڭخۇا مىللىتى 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا ئېجىل-ئىناق ئۆتكەندىلا، بۇ ئائىلە ئاندىن مۇقىم بولىدۇ، ئاندىن تەرەققىي قىلىدۇ، دەپ تەربىيە قىلاتتى، پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەلىشىدە، بىز قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئالتىمىز شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردۇق. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى، شۇنداقلا بىز ھەربىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز، ئىلگىرىلىشىمىزمۇ بولمايتتى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىسكەنجىگە ئېلىپ، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپىمىز ۋە تەرەققىيات مۇھىتىمىزغا ئېغىر پاراكەندىچىلىك سېلىپ، بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان «زەھەرلىك ئۆسمە»، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىنىڭ «سەركىسى» بولۇپ، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاممىنى قوزغاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قالدۇق زەھىرىنى تۈگىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك.

  بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، قەتئىي ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، زىممەمگە ئېلىپ، قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ، ئاڭلىق ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى، بۇ ئۇل تاش بىز ھەربىرىمىزنىڭ تىرىشىپ پۇختىلىشىمىزغا موھتاج. مەن ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ۋەزىپەم دەپ بىلىپ، ئۆزۈمنىڭ تەسىر كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچ ھاسىل قىلىپ، چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىنداشلاردەك ئۆتۈشكە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا يېتەكلەپ، بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى