تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە چاغان مەزگىلىدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىمتىھانى نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ دەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىمتىھانى نورمال ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىمتىھانى بەرمەكچى بولغانلارنىڭ سانى 4000غا يېقىنلىشىدىكەن.

  ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاغان مەزگىلىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىمتىھانى بەرمەكچى بولغانلار ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئاساسەن، 12123 سۇپىسى ئارقىلىق ئىمتىھان مەيدانىنى ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى