تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار بەي جيې، جېڭ مىڭدا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 14- كۈنى خەلق سارىيىدا فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ نىنىستو ۋە فىنلاندىيە خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىش بولدى. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- فىنلاندىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلاپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو- فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ياخشى قوغداپ، جۇڭگو- فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى موتور قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق يېڭى ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىقلار ئېلىپ كەلگەن قولاي شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، قوش يۆنىلىشلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولىنى ئېچىش قاتارلىق تۈرلەردىكى ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «مۇز يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن «2019 جۇڭگو-فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى»نى ئورتاق باشلىماقچى، ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ قىشلىق تەنھەرىكەت ھەمكارلىقىدا ئۈلگە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل قوللايدۇ، ياۋروپانىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئوچۇق، ئاۋاتلىقنى ساقلاپ، خەلقئارا سەھنىدە ئاكتىپ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىنلاندىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق ھالدا جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز شىمالىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە شىمالىي ياۋروپا مىنىستىرلار كېڭىشى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو- شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ياخشى پىلانلاشنى خالايمىز.

  نىنىستو ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىدىن يېڭى يىللىق سەمىمىي ھال سورىدى. نىنىستو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىنلاندىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. فىنلاندىيە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، فىنلاندىيە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ تەشەببۇسنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. مەن بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ «فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە خىزمەت پىلانى (2023- 2019)»نى ئېلان قىلىدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇ، فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. فىنلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە، ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا، يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىت، ساياھەت، شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيە، بولۇپمۇ قىشلىق تەنھەرىكەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش جەھەتتە جارى قىلدۇرغان ئاكتىپ رولىنى ئالقىشلايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا قويۇق ئالاقە، ماسلىشىشنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. فىنلاندىيە تەرەپ كېيىنكى يېرىم يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك دۆلىتى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ نىنىستو بىلەن «2019 جۇڭگو-فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇنجى قېتىم قاتناشقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دەل 1952- يىلىدىكى فىنلاندىيە خېلسىنكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانىدا كۆتۈرۈلگەن. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەتنى راۋاجلاندۇرۇشىدا ماسلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىشىنىمەنكى، «2019 جۇڭگو- فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى» ئىككى دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىدۇ. نىنىستو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا بويىچە تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى. فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە مۇناسىۋەت ئورناتقىنىغا ئۇزاق بولدى. فىنلاندىيە جۇڭگونىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى ئۆتكۈزگەن دۆلەت بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال، ئىشىنىمەنكى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو قىشلىق تەنھەرىكەت كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، فىنلاندىيە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو- فىنلاندىيە ئىككى دۆلەت ئۆسمۈرلىرى، بالىلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىغا ئايرىم-ئايرىم جۇڭگو-فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى بەلگىسى ۋە خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ قار-مۇز تۈرى تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن «2019 جۇڭگو- فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى»نى ئورتاق باشلىدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا نىنىستونى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  پېڭ لىيۈەن، سۈن چۈنلەن، خاۋ مىڭجىن، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.