تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خوشۇت ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ئىلمىي تېرىقچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى

خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى شياۋكاڭ مەھەللە كومىتېتى ئاھالىسى جاۋ دېڭفېڭ پارنىكتا كۆكتات پەرۋىش قىلماقتا.

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ خەييەن خەۋىرى): ھازىر گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى شياۋكاڭ مەھەللە كومىتېتى ئاھالىسى جاۋ دېڭفېڭنىڭ كۆكتات پارنىكى باھار تۈسىگە تولغان بولۇپ، چەيزە، خاڭگا قاتارلىق كۆكتاتلار ھوسۇل بەرگەنىدى.

    2018-يىلى ئۈچ مو پارنىكتىن ناھايىتى ياخشى ھوسۇل ئالغان جاۋ دېڭفېڭنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ياخشى ھوسۇل ئۇنىڭ بېيىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بۇ يىل ئۇ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتتى، باشقىلارنىڭ كۆكتاتلىرى تېخى مېۋە بەرمەستە، ئۇنىڭ كۆكتاتلىرى بازارغا سېلىنىپ بولدى، ھازىر بىر كىلوگىرام چەيزىنىڭ توپ تارقىتىش باھاسى 6يۈەن بولۇپ، ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ بۇ يىل بۇلتۇرقى يىلىدىكىدىن 20 مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەھەللە كومىتېتىدا 60 تىن ئارتۇق پارنىك تېرىقچىلىق ئائىلىسى بار بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە تېرىقچىلىق كۆلىمى 3 مو كېلىدىكەن، تېرىلغان كۆكتاتلار ئاساسلىقى كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە سېتىلىدىكەن. بۇ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى، ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىش قاتارلىق پۇرسەتلەردە ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى سالمىقىنى ئاشۇرغان، ھەمدە تېرىقچىلىق ئۇستىلىرىنى نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى