جۇڭگو تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورىدىن ئىگىلىشىچە، خەيكوۋ بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئۆلكە بويىچە تۇنجى توكلۇق قوش قەۋەتلىك ساياھەت ئاپتوبۇسى قاتنايدىغان ساياھەت لىنىيەسى تەسىس قىلىدىكەن.
بۇ يىل 4-ئايدا، خەيكوۋ ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى شىنخەي پورتىدىن گۈل-گىياھلار دۇنياسى بېكىتىگىچە ساياھەت 1-لىنىيەسىنى تەسىس قىلىدىكەن. بۇ لىنىيە خەينەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى توكلۇق قوش قەۋەتلىك ساياھەت ئاپتوبۇسى ساياھەت لىنىيەسى بولۇپ، لىنىيەدە قاتنايدىغانغا ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.2 مېتىر كېلىدىغان توكلۇق قوش قەۋەتلىك ساياھەت ئاپتوبۇسىدىن 15ى سەپلىنىدىكەن. ساياھەت ئاپتوبۇسى ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپە 75 كىلومېتىرنى بېسىشقا تەخمىنەن 180 مىنۇت كېتىدىكەن، ئاپتوبۇس قاتناش ئارىلىقى 15-20 مىنۇت بولىدىكەن.