تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يىل بېشى، بۇ ئىشلار كىشىلەرنى ھەسسىلەپ خۇشال قىلدى

   «جوڭشىڭ 2D» سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، جۇڭگو ئالەم ئىشلىرى 2019 يىلىدىكى ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى

  1-ئاينىڭ 11--كۈنى سائەت 1دىن 11مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «چاڭجېڭ 3-نومۇر» B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، «جوڭشىڭ 2D» سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا كىردى. جۇڭگو ئالەم ئىشلىرى 2019-يىلىدىكى تۇنجى قويۇپ بېرىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

   جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ كوئېنلۇن ئەترىتى مۇز قاتلىمى A رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىپ كەلدى

   كوئېنلۇن ئەترىتىنىڭ بىر ئاپتوموبېلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى جەنۇبىي قۇتۇپ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى مۇز بىلەن قاپلانغان يولدا كېتىۋاتماقتا. شۇ كۈنى، جۇڭگو 35-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى كوئېنلۇن ئەترىتىدىكى 16 ئەزا جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى مۇز بىلەن قاپلانغان بۆلەكتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، بۇيەردىكى ئەڭ ئېگىز ئورۇن بولغان مۇز قاتلىمى A رايونىغا كىردى.

   دۆلىتىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان لاتقا چىقىرىش قورالى «تيەنكۇن» بارلىق سىناقنى تاماملاپ قايتىپ كەلدى

   ئۈچ ئاي لاي، تاغ جىنسلىرىنى قېزىش تەجرىبىسىنى ئېلىپ بارغان، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش پاي چەكلىك ئىدارىسى تيەنجىن سۇ يولى ئىدارىسى مەبلەغ سېلىپ ياسىغان ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېغىر تىپلىق ئۆزى ماڭىدىغان ئەشمە-سۈمۈرۈش پاراخوتى «تىيەنكۇن» 1-ئاينىڭ 9-كۈنى پاراخوت زاۋۇتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ كەلدى، بۇ «تيەنكۇن»نىڭ بارلىق سىناقلارنى تاماملاپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   «فۇشىڭ» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن 17 دىنامىكىلىق پويىز بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن تۇنجى قوزغالدى

   1-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 12:00دە، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شاڭخەي خوڭچياۋ يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغان G9-قېتىملىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى پويىزى ۋوگزالدىن چىقتى، بۇ سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان «فۇشىڭ» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن 17 دىنامىكىلىق پويىزنىڭ بېيجىڭ-شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا رەسمىي قاتنىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   2019- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىۋۇدىن قوزغالدى

   90 ساندۇق تاۋار بېسىلغان 2019ـ يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى(يىۋۇ ـ مادرىد)1-ئاينىڭ 4-كۈنى جېجياڭ يىۋۇ تۆمۈريول پورتىدىن يولغا چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى