تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاراماي شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك تەنتەربىيە ئۇسۇلى سەرخىللىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

     تيانشان تورى خەۋىرى (قاراماي گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جۆۋ فوتوسى،خەۋىرى): 2019-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراماي شەھىرى پەي توپ سارىيىدا قاراماي، ئۈرۈمچى، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ماھىرلار تەنتەربىيە ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. شۇ كۈنى، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك قاراماي شەھىرى تەنتەربىيە ئۇسسۇلى سەرخىللىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى ۋە 2019-يىللىق شىمالىي شىنجاڭ  رايونىدىكى شەھەرلەر بىرلەشمە دوستلۇق مۇسابىقىسى قارامايدا ئۆتكۈزۈلدى، غۇلجا، كۈيتۈن، شىخۇ، سانجى، بۆرتالا، بېيتۈن، چۆچەك قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىن كەلگەن 30 كوماندىدىكى 550 ئادەم مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە سەرخىللار گۇرۇپپىسى، شەھەر بىرلەشمە دوستلۇق مۇسابىقىسى، چوڭلار گۇرۇپپىسى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ماھىرلار مۇسابىقىدە ۋالىس، پادىچىلار ئۇسسۇلى، تانگو، تېز قەدەملىك ئۇسسۇل، رۇمبا قاتارلىقلار بويىچە مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە تاللانغان ماھىرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 25-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە ئۇسسۇلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى