تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى بۇ يىل 10 ‏مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدا بۇ يىل «تاغلارغا كۆچەت تىكىش» بويىچە 10 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ ھەمدە ئورمان پەرۋىش قىلىش، ئاسراش، باشقۇرۇش خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىنىپ، كۆكەرتىش نەتىجىلىرى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىدىكەن. مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى سايباغ رايونلۇق ئورمانچىلىق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، سايباغ رايونىدا بۇ يىل يېشىل تەرەققىيات كۈچەپ گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن.

  سايباغ رايونلۇق ئورمانچىلىق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىنشۇاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سايباغ رايونىنىڭ «تاغلارغا كۆچەت تىكىش» تۈرىدە يامالىق تېغى نۇقتىلىق ھالدا كۆكەرتىلىدىكەن، 2017-يىلى كۈزدىن 2018-يىل ئاخىرىغىچە يامالىق تېغىدا 14 مىڭ 400 مودىن ئارتۇق قاقاس يەر كۆكەرتىلىپ، جەمئىي 1 مىليون 570 مىڭ تۈپتىن كۆپ كۆچەت تىكىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 2018-يىلى سايباغ رايونى 320 مىڭ نەپەر ھەر مىللەت كادىر-ئاممىنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىي 1 مىليون 470 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىپ، 12 مىڭ 400 مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىپ، يامالىق تېغىنىڭ ئۆسۈملۈكلەر بىلەن پۈتۈنلەي قاپلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،  «تاغلارغا كۆچەت تىكىش» نەمۇنە قۇرۇلۇشىغا ئايلانغان.

  لى جىنشۇاڭ مۇنداق دېدى: 2018-يىلىدىكى كۆچەت تىكىش خىزمىتى جەريانىدا، بىز ئالدىن پىلانلاش خىزمەتلىرىنى تولۇق، ياخشى ئىشلەپ، كۆكەرتىش ئىشلىرىنىڭ بىر تۇتاش پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئەتىيازدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىش، يازدا سالقىندىغىلى بولۇش، كۈزدە مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىش، قىشتا يېشىللىق بولۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچىدۇق، بۇ يىل شەھەرنىڭ ھەر قايسى نۇقتىلىرىدىن يامالىق تېغى مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا قارىتا، كۆچەت تۈرلىرىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ تىكىپ، موللاشتۇرۇپ، ياخشى مەنزىرە ئۈنۈمىگە يېتىمىز. تاغ گەۋدىسىدىن تۆۋەن تەرەپتىكى تېخى كۆكەرتىلمىگەن رايونلارغا ياۋا شاپتۇل، زىدىڭشياڭ قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك كۆچەتلەرنى تىكىمىز. بۇنىڭدىن سىرت، ئورمان پەرۋىش قىلىش، ئاسراش، باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆكەرتىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، 2019-يىلى يامالىق تېغى ئارقا تەرىپىدىكى كۆكەرتىشكە تېگىشلىك جايلارنىڭ ھەممىسىنى كۆكەرتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى