تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ قار ماكانىدىكى «ئات تاكسىسى»

شىنجاڭنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس كەنتىدە، نۇربولات ئات يايلىسىدىكى قارلارنى تازىلىماقتا. (1-ئاينىڭ 9-كۈنى فوتوسى)

    قار ماكانى قۇمقاناس، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر دەل قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ بېسىق مەزگىلى. بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن نۇربولات جۇمابىكنىڭ ئۆيى قۇمقاناستا بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرا ئۇنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئات سۆرەيدىغان چانىدا سەيلە قىلدۇرۇش قىزغىنلىقىغا ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ئىدى. ئۇ ساياھەتچىلەر كۆپ ۋاقىتتا ئات سۆرەيدىغان چانىدىن قىلىدىغان كىرىمىنىڭ 600 يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئات سۆرەيدىغان چانا ئىلگىرى قۇمقاناس يېزىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ قىش پەسلىدىكى ئاساسلىق سىرتقا چىقىش قورالى ئىدى. قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى، چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئائىلە ئاپتوموبىلى ئات سۆرەيدىغان چانىنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ ئەنئەنىۋى قاتناش قورالى قۇمقاناسنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى ئالقىشلىنىدىغان تۈرگە ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن «ئات تاكسىسى» دەپ ئاتالدى. نۇربولات يەنە قۇمقاناسنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى مېنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمىمنى بارغانسېرى ئاشۇردى، قىشتا ئات سۆرەيدىغان چانا بار، يازدا ساياھەتچىلەر ئات ئىجارىگە ئېلىپ سەيلە قىلىدۇ، ئائىلە ياتاقلىرىمۇ يىل بويى تىجارەت قىلالايدىغان بولدى، دېدى. قۇمقاناسنىڭ قار پەسلى ئۇزۇن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىشتا قۇمقاناسقا كېلىپ قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قار ماكانىدا ياشايدىغان چارۋىچىلارغا نەپ ئېلىپ كەلدى.

نۇربولات ساياھەتچىلەرنى ئات سۆرەيدىغان چانىغا ئولتۇرغۇزۇپ قۇمقاناس كەنتىنى ساياھەت قىلدۇرماقتا. (1-ئاينىڭ 11-كۈنى فوتوسى)

بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس كەنتىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر ساياھەتچى ئات سۆرەيدىغان چانىدا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يان تېلېفونى ئارقىلىق نۇربولاتقا ھەق تۆلىمەكتە. (1-ئاينىڭ 9-كۈنى فوتوسى)

ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس كەنتىدە ئات سۆرەيدىغا چانىغا ئولتۇرۇپ سەيلە قىلماقتا. (1-ئاينىڭ 11-كۈنى فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى