تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى

  —— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ھەربىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس روھىي خىسلىتى بولىدۇ، ھەربىر پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس روھىي پەزىلىتى بولىدۇ. دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى.

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، جاراڭلىق- مەردانە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتەك يۈكسەك ئاڭلىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتتى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق جازالاپ تۈزەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، كۈچەيدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ھەر تەرەپلىمە كۈچەيدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە يەنىمۇ ياخشىلاندى، پارتىيە يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىزدە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك، بۇ يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتۇر. ئىشنى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنى باشلاشتىن، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقىچە، «مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى»نى شەكىللەندۈرۈشتىن، «مۇتلەق غەلىبە»نى قولغا كەلتۈرۈشكىچە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قىلغان ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش» قەتئىي ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، مۈشكۈل ۋەزىپە. پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىك بىلەن زادى سىغىشالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، بىزنىڭ جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىزنى بەلگىلىگەن. بۇ مەسىلىدە، بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا يېتەرلىك بولدى، ئەمدى بىرئاز ئارام ئېلىۋالساق بولىدۇ، دېگەن خىيالدا بولماسلىقىمىز، بىر قېتىملىق جەڭنى ياخشى قىلىپلا بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرۈش خىيالىدا بولماسلىقىمىز، دەسلەپكى ئۈنۈمنى كۆرۈپلا بولدى قىلىش خىيالىدا بولماسلىقىمىز كېرەك.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ روشەن بەلگىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە يۈرۈش قىلىشىدىكى ئاچقۇچ. «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ قىممىتى ئىزچىللىقىدا، ئىدارە قىلىشنىڭ قىممىتى دائىملىقىدا»، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە يېڭى دەۋردە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى