تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز

قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى ئەسقەر ئاسىم

  مەن ئاددىي زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا-ئانام ئوقۇتقۇچى. 1987-يىلى، مەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، 1993-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ تا بۈگۈنگىچە ئىشلەۋاتىمەن. مەيلى ئوقۇغاندا ياكى خىزمەت قىلغاندا بولسۇن، مېنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچۇم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلار ھەمدە خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆيۈنۈشى، ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، بىز ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىللە يېتىپ-قوپاتتۇق، بىللە ئۆگىنەتتۇق، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىپ ئالغا باساتتۇق. مەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ خۇشال-خۇراملىق ئىچىدىكى ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە قىممەتلىك دوستلۇق مېھرىگىمۇ ئېرىشتىم. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، رەھبەرلەر ۋە خىزمەتداشلارنىڭ كۆيۈنۈشى، ياردىمىدە، كەسپىي سەۋىيەم تەدرىجىي ئۆستى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، مەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە ئاز سانلىق مىللەت تايانچ پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقىنىمدا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن تەلىم بېرىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، ئۆگىنىش ۋەزىپەمنى تولۇق ئورۇندىدىم ھەم ئەلا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالاندىم. خىزمەت ئورنۇمغا قايتقاندىن كېيىن، مەن ئىلتىماس قىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىككى تۈرلۈك تەبىئىي پەن تەتقىقات تۈرى بىردەك ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى. 2014-يىلى، مېنىڭ بىر تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجەم ۋىلايەت بويىچە «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، مەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ ھەزىم قىلىش كېسەللىرى بۆلۈمى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك 6-خەلق دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش كېسەللىرى بۆلۈمىگە بېرىپ «ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تۈرى» بويىچە تەربىيەلىنىشكە مۇيەسسەر بولدۇم، بۇ ئارىلىقتا شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلاردىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۈزتۇرا دەرسىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىرىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتىكى ئىلغار تېخنىكىنى ئۆگىنىپ ئىگىلىدىم.

  مەن قاراقاشتا تۇغۇلدۇم، قاراقاشتا چوڭ بولدۇم، خىزمەت، تۇرمۇشۇممۇ قاراقاشتا، مەن يۇرتۇمنىڭ كونا قىياپىتىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلگە پايدا يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەم دەل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى بىزنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولسۇن ياكى مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزدا بولسۇن، ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  يامان نىيەتلىك «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىغان، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. يەنە كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بەزى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى نەزەرگە ئالماي، ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل، دېگىنى بىر خىل، قىلغىنى بىر خىل بولدى. ۋىجدانىنى يوقاتقان بۇ «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالدى، ئۇلار مىللىي مۇناپىقلار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، تېخىمۇ مۇھىمى بىز ھەربىر كادىرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. بىز ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بىزنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزنى قوغدىشىمىز، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز ھەربىرىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بولۇشىمىز، كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستانىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئىناقلىقنى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك.

  مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىمەن، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن، ئاڭلىق ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى زىممەمگە ئالىمەن. قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە مۈجمەل بولماي، ھەرىكەتتە يول قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرگەنلىك شەپقىتىنى يەردە قويمايمەن. مەن ئاممىنىڭ كېسىلىنى داۋالايدىغان ئاق خالاتلىق پەرىشتە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاممىنىڭ قەلبىنى پاكلايدىغان پىدائىيلاردىن بولۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى