تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۇگجاجاپ

     پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»گە كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدىكى ئورتاق ئىرادىسىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئۇزاق مەزگىللىك ئالاقە داۋامىدا، شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىشتا بىللە بولۇپ، بىللە ياشاپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان مۇناسىۋەت ئورناتتى. مىللەتلەر تارىخىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، «ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان» تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يىلىكلىرىگىچە چوڭقۇر سىڭىپ، قان تومۇرلىرىدا يىلتىز تارتىپ، ئېتىقادىغا ئايلاندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەقدىرىنى ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلىدى. ھالبۇكى، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» قىلچە تەن بەرمەي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىش-كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش-راۋاجلىنىش تارىخىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بۇنىڭغا بىز ھەرگىز قوشۇلمايمىز!

  بىز ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر چوقۇم زىممىمىزگە ئالغان مۇھىم، زور تارىخىي بۇرچنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز، باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

  دۆلەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر ئىتتىپاقلىققا، بىرلىككە كېلىشكە ئىنتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60-يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ بۈگۈردە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىشى شىنجاڭنىڭ رەسمىي ھالدا جۇڭگونىڭ تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەرگەنىدى. بۇ گۈزەل زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۆزئارا سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىپ، ئورتاق ھالدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى بەرپا قىلىپ، ئاللىقاچان دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىگە يىلتىز تارتقۇزۇپ، قان تومۇرلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

  تارىخ ئاساسىي ئېقىمىنى ئېنىق تونۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە، جەزمەن جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات داۋامىدا، ئەڭ ئاخىرى ئۆزئارا سىڭىشىش، كۆپ مەنبە بىرلىشىش ھەمدە ھەر مىللەت چوڭ جەھەتتە ئارىلىشىش، كىچىك جەھەتتە توپلىشىشتەك جايلىشىش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈردى. مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلدى، ئۆزئارا توپلىدى، ئىقتىساد جەھەتتە بىر-بىرىگە تاياندى، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلاشتى. ھازىر، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» بىر قىسىم ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بۇنداق تارىخىي ئېقىمغا قارشى جىنايى قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسۇشى، ئۆزىنى چاغلىماسلىق بولۇپ، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار پائال دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كىشىلەرگە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، نېمىنى تەشەببۇس قىلىش، نېمىگە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇش، داۋلى سۆزلەش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا شىنجاڭنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم ۋەزىيىتى ۋە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇتۇشىمىز كېرەك.

  مەدەنىيەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى ئېتىراپ قىلىش. مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىلا، ئاندىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مۇستەھكەملىنىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى توغرا تونۇش مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ تونۇش بولۇپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگەنگەندىلا، ئۆزئارا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى، ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈشنى، مەدەنىيەتتە ھەمبەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق−بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق−ئاپەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەڭ مۇھىمى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى بولۇپ، بىز ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشلاردەك ئۆتكۈزۈشىمىز، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولغۇزۇشىمىز كېرەك. باشتىن-ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە زەربە بېرىپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى