تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  1-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

■ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، كۈچەيدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ھەر تەرەپلىمە كۈچەيدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە يەنىمۇ ياخشىلاندى، پارتىيە يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

■ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىزدىنىپ قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بۇ بولسىمۇ، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدە قەدەمنى بىردەك ئېلىش، ھەرىكەتتە بىرتۇتاش بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن پاسسىپلىق، چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ پاك-دۇرۇس سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

■ بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا، بۇيرۇق، تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ تۈزەپ، مۇتلەق غەلىبىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

■ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كونكرېت بولۇپ، ئابستراكت ئەمەس، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكى نۇقتىسىدىن ئۆزىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىشى، ئۆزىگە تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئەمىلى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، تېخىمۇ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى بىلەن پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى كۈچەپ جازالاپ تۈزەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، كۈچەيدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ھەر تەرەپلىمە كۈچەيدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە يەنىمۇ ياخشىلاندى، پارتىيە يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىزدىنىپ قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بۇ بولسىمۇ، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدە قەدەمنى بىردەك ئېلىش، ھەرىكەتتە بىرتۇتاش بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن پاسسىپلىق، چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ پاك-دۇرۇس سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ روشەن بەلگىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە يۈرۈش قىلىشىدىكى ئاچقۇچ. پەقەت بىز باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر تازىلاشتەك جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تۈگەتسەكلا، پارتىيە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن شارائىتتا ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك يولنى شەكىللەندۈرەلەيمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ بۇ توغرىسىدا ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىم قانۇن-نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، پەرقنى ۋاقتىدا توغرىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە بارسا، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇق، تەلىپىنى جەزمەن ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا، بۇيرۇق، تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئىپادىلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى چەكلەشنى پارتىيە ۋە ئەلرايىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار ئىللەتلەرگە باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، «تۆت خاھىش»نىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن يوشۇرۇن يېڭى يۈزلىنىشىنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆتىنچى، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ تۈزەپ، مۇتلەق غەلىبىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. نىشانلىق داۋالاپ، دەل جايىدا جازالاپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان كۈچەپ تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئومۇملۇقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار، مۇھىم نۇقتىلىق ساھەلەر، ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساقلانغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىدىن بىرى بايقالسا، بىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بەشىنچى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش-تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار، بولۇپمۇ شۇجىلار سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەربىر سەپ، ھەربىر ساھە، ھەربىر ھالقىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كونكرېت تۇتۇشى، چوڭقۇر تۇتۇشى كېرەك. ئالتىنچى، ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ كۆزىتىپ تەكشۈرۈشى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختىلاپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، ئىشنى كونكرېت ئادەم، كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ، مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كونكرېت بولۇپ، ئابستراكت ئەمەس، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكى نۇقتىسىدىن ئۆزىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىشى، ئۆزىگە تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جەزمەن قەتئىي، كەسكىن، كەم-كوتسىز، پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەر ۋە چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق ئالدىدا جەزمەن مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇش كېرەك. چىن دىلىدىن شەخسىيەتسىز بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى توغرا قوغداش، مەركەزدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلىرى، يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە باشقا ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىلىشىش، پايدا ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى، ئۆزىنى مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار دەۋالغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى جەزمەن قەتئىي توسۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە ساغلام بولغان پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ساپ يولداشلارچە مۇناسىۋەتنى، قائىدە-يوسۇنلۇق يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاپاق-چاپاق بولۇش، ماختاپ ئۇچۇرۇش ۋە خۇشامەت قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتلارنى قەتئىي چەكلەپ، پارتىيە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش، پاكلاشتۇرۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلنىڭ قارارى ۋە تەشكىلنىڭ ئىش تەقسىماتىغا بويسۇنۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ساغلام خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، باشقۇرۇۋاتقان ئاممىۋى بايلىقلارنى شەخس ياكى ئورۇننىڭ «ئادەمگەرچىلىكى»، مۇناسىۋەت باغلىشى، پايدا ئېلىشىغا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇ تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىشتا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ئاچقۇچلۇق رولغا ئىگە. ئەمىلى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، تېخىمۇ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى بىلەن پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مەخسۇس ئورگانلىرى، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئورگانلاردىكى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىم ھويلا-ئارانلىرىنى تازىلاپ، كۆپكە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى پاكىز يوقىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى قۇرۇشى كېرەك. كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى، بېسىمغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشى، قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى ماھارەتنى مەشىق قىلىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىرادىسى چىڭ، ھەرىكىتى كەسكىن بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملىشى، راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەمدە ئارمىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.