تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەتلەشتى

 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا جىن جېڭئېننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەتلەشتى. 1-ئاينىڭ 9- كۈنى، شى جىنپىڭ بېيجىڭ مېھمانخانىسىدا جىن جېڭئېن بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جىن جېڭئېن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لى شۆجۇ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سەمىمىي دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو- چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى ھەم گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ 2019-يىلى يېڭى يىل كىرىپلا، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقى يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ جۇڭگو- چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن ھەم جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي سالام يوللايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە 2018-يىلى يېڭى تارىخىي سەھىپە ئېچىلدى. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو-چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. بۇ يىل جۇڭگو-چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۇ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالدىنقىسىغا كېيىنكىسىنى باغلايدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئورتاق ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  جىن جېڭئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يىل بېشىدىكى ئالدىراش پەيتتە بىزنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمىزنى كۈتۈۋالدى، مەن بۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي سالام يوللايمەن. يولداش باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ غەمخورلۇق قىلىشىدا، بۇلتۇر چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى سەھىپىلەر پۈتۈلدى. مەن بۇ قېتىم جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىمدە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يولداش باش شۇجى بىلەن چاۋشيەن- جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، چاۋشيەن-جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چاۋشيەن-جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا، شى جىنپىڭ چاۋشيەن تەرەپنىڭ يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يېرىم ئارالنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوللانغان ئاكتىپ تەدبىرلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر جۇڭگو، چاۋشيەن ھەم ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، يېرىم ئارال تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى شەكىللەندى، سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم نەتىجە ھاسىل قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ۋە ئورتاق تونۇشى، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپنىڭ يېرىم ئارالنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىنى قوللايدۇ، شىمال-جەنۇب مۇناسىۋىتىنى سىجىل ياخشىلىشىنى قوللايدۇ، چاۋشيەن-ئامېرىكا باشلىقلار كۆرۈشۈشى ئۆتكۈزۈشىنى ھەم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، يېرىم ئارالنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  جىن جېڭئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە پەسىيىش كۆرۈلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئوينىغان مۇھىم رولى ھەممىگە ئايان، چاۋشيەن تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ھەم بۇنىڭغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ. چاۋشيەن تەرەپ يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇش مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، چاۋشيەن- ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشىدە خەلقئارا جەمئىيەت قارشى ئالىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چاۋشيەن تەرەپنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەرلەندۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىللىق مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بارلىق قىيىنچىلىق-توسالغۇلارنى ۋە خېيىم-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى بار. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى يولغا قويغان بىر يىلدىن بۇيان، ئاز بولمىغان ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان، تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان كۈچلۈك ئارزۇسىنى نامايان قىلدى، چاۋشيەن خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، چاۋشيەن خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  جىن جېڭئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئۆتكەن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگودا تۆت قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش روھىي قىياپىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئىنتايىن قىممەتلىك دەپ قارايدۇ، جۇڭگوغا كۆپرەك كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش باش شۇجى يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى چاۋشيەن خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىدۇ.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا جىن جېڭئېننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى ھەم بىرلىكتە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

  1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ مېھمانخانىسىدا جىن جېڭئېن بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ جىن جېڭئېننىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو- چاۋشيەننىڭ دوستلۇق ئالاقە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-چاۋشيەننىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: چاۋشيەن تەرەپ چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى چەكسىز قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى داۋاملىق پۈتۈشنى خالايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ رەپىقىسى لى شۆجۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە چۈشلۈك زىياپەت بەردى.

  1-ئاينىڭ 9-كۈنى، جىن جېڭئېن يەنە بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ پاي چەكلىك شىركىتى تۇڭرېنتاڭ دورا زاۋۇتىنىڭ يىجۇاڭ شۆبە زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ھەم زامانىۋىلاشقان جۇڭيى دورىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى، خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جۇيۇڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جىن يىڭجې، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى پياۋ تەيچېڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى يۇڭخاۋ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، خەلق قوراللىق كۈچلىرى مىنىستىرى نۇ گۇاڭتيې، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، تەشۋىقات-سەپەرۋەرلىك بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جىن يۈجېڭ قاتارلىقلار جىن جېڭئېنغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.