تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كۆپ يول بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- بازارلاردا 450 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

  مۇخبىرىمىز رېن خۇانىڭ 1- ئاينىڭ 9- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر- بازارلاردا 450 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەشنى پىلانلىغان. شەھەر- بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 40 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرىدىكەن؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88تىن ئاشۇرۇلىدىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كۆپ يول بىلەن كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنىڭ شەھەر- بازار، كارخانا، كەسىپلەر رايونلىرىغا بېرىپ مەركەزلىك، قېلىپلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يىرىك پىلانى»نى يولغا قويۇپ، شەھەر- بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئەمگەكچىلەرنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى ۋە ساھەسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «ئالتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەر رايونلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %90تىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ۋە ھەر تەرەپلىك ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى