تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

  بۇ يىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سەككىز جەھەتتىن تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز شى شىن، پىراكتىكانت لياڭ يەننىنىڭ 1- ئاينىڭ 9- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 2019- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سەككىز جەھەتتىن تۈرتكە بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2018- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە كۈچەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2019- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات سىستېمىسى ھەقىقىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق «ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى ۋە سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، باھانى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت سەككىز جەھەتتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى