تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ يېقىنقى مەزگىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى، چاغان ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ <يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە>سىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دە بېكىتىلگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئاسان ھادىسە يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى، بولۇپمۇ، يول قاتنىشى، كۆمۈركان، ئوت مۇداپىئەسى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، پوجاڭزا- ساليوت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇشى، پۈتۈن كۈچ بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، توسۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار جىددىي ئەھۋال دىجورنىلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئاپتونوم رايون جىددىي ئەھۋال دىجورنىلىق ئۆيىدە دىجورنىلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك جىددىي ئەھۋال دىجورنىلىق خىزمىتىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى