مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېينىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ۋە 1- ئاينىڭ 25- كۈنى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىدىكەن. ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ئىككى قېتىملىق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتە شىنجاڭ دائىرىسى ئىچىدىكى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 17 مىليارد يۈەن مەبلەغنى بىۋاسىتە تارقىتالايدىكەن، بۇ 2018- يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇلنىڭ تەخمىنەن %14 ئۆپچۆرىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى يەرلىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەخمىنەن 7 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغنى بىۋاسىتە تارقىتالايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو خەلق بانكىسى يەنە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە نىشانلىق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويىدىكەن، سىياسەتكە چېتىشلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بۇ قېتىم تۆۋەنلىتىلگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئاساسىدا يەنە 0.5 ياكى 1.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەتسە بولىدىكەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كىچىك، مىكرو ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنى قوللايدىغان شىنجاڭ بانكىسى، ئۈرۈمچى بانكىسى، كوئېنلۇن بانكسى، شىنجاڭ خۈيخې بانكىسى، كورلا سودا بانكىسى، قومۇل شەھەرلىك سودا بانكىسى، تىيانشان يېزا سودا بانكىسى، ھەبىب بانكىسىدىن ئىبارەت سەككىز بانكا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 2.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەتسە بولىدىكەن.
2018- يىلىدىن بۇيان، خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى ۋاسىتىسىنىڭ قۇرۇلمىلىق يېتەكلەش رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نىشانلىق تەڭشەش- تىزگىنلەش، دەل كۈچەش ئارقىلىق بانكىلارنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاشقا يېتەكلىدى. ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى خەلق بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش، پۇل مۇئامىلىنى ماكرولۇق تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ پۇل سىياسىتى ۋاسىتىسىنىڭ بىرى. ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى بانكىلارنىڭ ئاز مىقداردا مەركىزىي بانكىغا پۇل قويۇپ، ئامانەت قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قەرز بېرىشكە ئىشلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«بۇ قېتىم ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش 2019- يىلىدىكى 1- قېتىملىق، شۇنداقلا 2018- يىلىدىن بۇيانقى 5- قېتىملىق ئىش. ئالدىنقى تۆت قېتىمغا ئوخشاش بۇ قېتىمقىسىمۇ يەنىلا كىچىك، مىكرو ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىشتىكى نىشانلىق تەڭشەش- تىزگىنلەشكە تەۋە بولۇپ، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتى يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئاساسىي مەقسەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كىرېدىت تارقىتىش مەبلەغ مەنبەسىنى مەنبەدىن كۆپەيتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت» دېدى خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى گو جيەنۋېي.