تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«خوتەن كەچلىك بازىرى» زىمىستان قىشتا مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى

  1- ئاينىڭ 9- كۈنى، ساياھەتچى شۇ كۈنى تىجارەت باشلىغان خوتەن شەھىرىدىكى ئىككىنچى كەچلىك بازاردا قەنت- گېزەك سېتىۋالماقتا. (مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)

    مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، شيې خۈيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: تونۇر كاۋىپى، قاقلاپ پىشۇرۇلغان غاز تۇخۇمى، سامسا، بېلىق كاۋىپىنىڭ مەززىلىك ھىدى ھەممە يەرگە تارالدى، كەپتەر شورپىسى، ئۆپكە- ھېسىپ، قوناق لەڭمىنىدىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ناخشا- ئۇسسۇللار قىزغىن، شوخ ئىدى، خېرىدارلار مەززىلىك تائاملاردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى... 1- ئاينىڭ 9- كۈنى يەنى ئۈچىنچى چىللىنىڭ 1- كۈنىدە، خوتەن شەھىرىنىڭ ئاچال شەرقىي يولىدىكى ئىككىنچى خوتەن كەچلىك بازىرى زىمىستان قىش، قەھرىتان سوغۇقتا خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى، بۇ، «خوتەن كەچلىك بازىرى»دىن ئىبارەت بۇ ماركىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  قىشتا خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىشنى تاللاشتا، يېڭى كەچلىك بازارنىڭ تولۇق ئاساسى بار. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن شەھىرىنىڭ 2018- يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ساياھەتچى سانى 1 مىليون 280 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %42.86 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 11- ئايدا 102 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %60.51 ئاشقان؛ 12- ئايدا 59 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 47.19 ئېشىپ، ساياھەتچىلىك سۇس مەزگىلدە سۇس بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  خوتەن شەھىرىنىڭ خەلق غەربىي يولىدىكى تۇنجى خوتەن كەچلىك بازىرى تىجارەت باشلانغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شۇ جاينىڭ ئىناق- مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ساياھەتچىلىكنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. خوتەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جوۋ نېڭۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاھالىلەر كەچلىك ئىستىراھەت تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلاندى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر كەينى- كەينىدىن كەلگەچكە، كونا كەچلىك بازار ئىنتايىن قىستاڭ بولۇپ كېتىپ، ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى، يېڭى كەچلىك بازار مۇشۇ سەۋەبتىن بارلىققا كەلدى.

  يېڭى كەچلىك بازاردا «نەيزە كاۋاپ» يەۋاتقان شەندۇڭلۇق ساياھەتچى ۋەن شېڭيۈ دائىم خوتەنگە كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: كۈندۈزى قاشتاش كۆرىمەن، كەچتە ئېسىل تائاملارنى يەيمەن، يېڭى كەچلىك بازارنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆرگىلى كەلدىم، كاۋاپنىڭ تەمى يەنە شۇ تونۇش تەم، ناخشا- ئۇسسۇلمۇ ئوخشاشلا ئېسىل ئىكەن.

  يېڭى كەچلىك بازار كونا كەچلىك بازارنىڭ ئېسىل تائام ۋە ناخشا- ئۇسسۇل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى، ئوخشاشلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىشتەك بۇرچنى ئۈستىگە ئالدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 40 نامرات ئائىلىنى كەينى- كەينىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1000غا يېقىن ئادەمنى ئىشقا قوبۇل قىلدى.

  تازىلىقچى پاتىگۈل تۇرسۇننىياز لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى كانچى ئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. كەنت كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە ئۇ تۇنجى قېتىم ئائىلىسىدىن چىقىپ، خوتەندىكى يېڭى كەچلىك بازارغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. يېڭى كەچلىك بازاردا سوغۇق ئاش سېتىۋاتقان خوتەن شەھىرىنىڭ تۇساللا بازىرى جامىدا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە تۇرنىسا مەمتىمىن بۇرۇن بازار كۈنىلا يايما ئاچاتتى، ھازىر ئۇنىڭ مۇقىم يايما ئورنى بار بولدى. «مەن تىرىشىپ پۇل تېپىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن» دېدى تۇرنىسا.

  جوۋ نېڭۋېن مۇنداق دېدى: خوتەندىكى تۇنجى كەچلىك بازار ھۆكۈمەت يېتەكلەش يولىدا ماڭغان، لېكىن ئىككىنچى كەچلىك بازار تاۋارلاشقان مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يەرلىك باشلامچى كارخانىلارنى خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ داڭلىق ماركا قىممىتىگە ئىگە قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سۇپىسىنى بەرپا قىلدى. «بازارغا ئۇدۇللاشتۇرغاندىلا، خوتەن كەچلىك بازىرى تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ» دېدى جوۋ نېڭۋېن.

  خوتەن كەچلىك بازىرى ئېسىل تائام ۋە ناخشا- ئۇسسۇلدىن ئىبارەت ئىككى داڭلىق ماركىنى يارىتىپ، ئاشپەزلىكنى ياخشى كۆرىدىغان، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا ماھىر يەرلىك ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ھازىر خوتەن شەھىرىدىكى بارلىق يېزا- بازار ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە كەچلىك بازار بار، ھالبۇكى، شۇ جايدىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تەرەققىيات نەزەرىنى ئۆز جايىدىن سىرتقى جايلارغا قاراتتى.

  نۆۋەتتە، خوتەن كەچلىك بازىرى ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىپ، شىمىگۇ رايونىدا خوتەن خاس ئېسىل يېمەكلىك كەسىپ باغچىسى (خوتەن كەچلىك بازىرى)نى قۇردى، بۇ تۈر ھازىر قوزغىتىلدى، پۈتكەندىن كېيىن 237 يايما ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتىگە تايىنىپ، خوتەن كەچلىك بازىرى يەنە بېيجىڭ ۋە تيەنجىندىمۇ قۇرۇلىدۇ.

  «بىز <خوتەن كەچلىك بازىرى>نىڭ كەلگۈسىدە <شاشەن ئۇششاق يېمەكلىكلىرى>گە ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلاپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جوۋ نېڭۋېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى