تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرەيلى

  ــــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى ئادەمدە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ــــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. نۆۋەتتە، بىز دۇچ كەلگەن مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ زور. بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشتە، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چوڭ ئىشلارنى باشقۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى كېڭىشىپ، قەرەللىك ھالدا ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئانالىز قىلىپ، مۇھىم، زور ئىقتىسادىي ئىشلارنى قارار قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئىككى يۈرۈش بەنزە» ئىلمىي مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى بەش جەھەتتىكى ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە. ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپىسى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا نەزەرىيەنى ياخشى ئۆگىنىش، سىياسەتنى مۇزاكىرە قىلىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش، يۆنىلىشنى تىكلەشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ جايلار، تارماقلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئۈمىد ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك؛ ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ئەھۋالى مۇرەككەپ جايلارغا بېرىپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ياخشىلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ يۆنىلىش تىكلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، زېھنىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشنىڭ نېگىزى مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا. يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتنىڭ باش- ئايىغى كۆپ، ۋەزىپە ئېغىر بولىدۇ. جايلار، تارماقلار، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرى ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ياخشى ئىستىل بىلەن ياخشى ئۈنۈمگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي ئىشلەپ، قەتئىي ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەك، تىرىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، چوقۇم مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش مول ھوسۇل ئېلىش، قوش غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى