تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، نىشاننى كۆزلەپ كۈچەپ ئىشلەش

 ــــ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

  مۇخبىرىمىز جاڭ يۈنمېي

  «مەن ھەر دائىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلارنى ئويلاپ كەلدىم، كەنتتە تۇرۇشلۇق 2 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، 1- شۇجى خىزمەتلەرگە بەك كىرىشىپ، بەك كۈچ چىقاردىڭلار، چوقۇم سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بۇ بىر جۈملە سۆزدە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، 1- شۇجىلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ئىپادىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق كەڭ كادىرلار، 1- شۇجىلارنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك.

  2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، 1- شۇجىلار ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى جەمئىي 9 مىليون 890 مىڭ ئائىلە قېتىم زىيارەت قىلىپ، 1 مىليارد 720 مىليون يۈەن كىرگۈزۈپ ۋە مەبلەغ سېلىپ، 622 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى، 147 مىڭ نامرات ئائىلىدىكى 574 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

   باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

  شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭى مەھەللە بازىرى قۇرۇلقۇم كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مۇقەددەسخان قۇربان ئۆزىنىڭ كېۋەزلىكىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، ياش پىدائىيلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پاختا تېرىش ئەترىتىنىڭ ئالدىراش پاختا تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.

  2018- يىلى 11- ئاي پاختا تېرىش مەزگىلى بولۇپ، كەنتتە مۇقەددەسخان ئائىلىسىگە ئوخشاش ئەمگەكچى يېتىشمەيدىغان نۇرغۇن ئائىلە بار ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى(ئۇرۇقچىلىق پونكىتى)نىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى خادىملارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ پاختا تېرىشقا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

  نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىش كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى «بەش تۈرلۈك مەسئۇلىيەت»ىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەپەككۇر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا، ئائىلىلەرگە بېرىلگەن تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىمۇ كەنتنى ھۆددىگە ئېلىشتىكى «بەش تۈرلۈك مەسئۇلىيەت»ىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىلىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىلىرى بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تەقسىملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېساباتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن جەمئىي 12 مىڭ 554ى، كادىردىن 77 مىڭ 923ى تاللاپ ئەۋەتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، بىڭتۈەندىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ناھىيە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئېغىر نامرات كەنتلەرگە 1289 نەپەر 1- شۇجى كۆپەيتىپ ئەۋەتىلىپ، ئېغىر نامرات كەنتلەردە تۇرۇشلۇق كۈچ يەنىمۇ تولۇقلاندى ۋە كۈچەيتىلدى.

  خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار «ئەترەت ئەزالىرى ۋەكىل بولۇش، ئىدارە ئارقا تىرەك بولۇش، بىرىنچى قول باش مەسئۇل بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئارقا تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورناتتى. ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق نۇقتىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە 1- شۇجىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش لايىھەسى تۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى، مەبلەغ قاتارلىقلارنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  مەسئۇلىيەتنىڭ قىممىتى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا. بىر يىلدىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كەڭ كادىرلار قانچە جاپالىق ھەم خەتەرلىك بولسا، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەت، تار يولدا قەيسەرلەر غالىب كېلىدۇ، دەيدىغان جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى بىلەن، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى.

    دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلدى

  مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى ئاياغ قارا كۆلنۇر كەنتىنىڭ ئاھالىسى بۇخەلچە توختى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ھەقسىز كۆكتات ئۇرۇقلۇقى بېرىپ، بىزگە كۆكتاتنى قانداق تېرىش، قانداق پەرۋىش قىلىشنى قولمۇقول ئۆگەتكەنلىكىگە ھەم سېتىپ چىقىرىشىمىزغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت، 2018- يىلى يازدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم!

  ئاياغ قارا كۆلنۇر كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، يېتەكچى كەسىپ يوق، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇش ئارقىلىق ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنى تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يېتىشتۈرۈش، ئۈزۈش، يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆكتات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆكتات ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى ئايرىم مىسال ئەمەس. بىر يىلدىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى دەل پەرقلەندۈرۈش بىلەن بىللە، كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك قىلدى، نامرات كەنتلەرنىڭ ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەھۋالىغا بېقىپ ئىش قىلىش، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىشىغا ياردەملىشىپ، خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خاس كەسىپلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يەنە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، تېخنىكا- ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، كارخانا تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ شەھەرلەرگە تەرتىپلىك كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇقىم تۈرتكە بولدى.

  نىشان دەل، تەدبىر جايىدا بولغاندىلا، ئاندىن نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» «يەتتە بىر تۈركۈم»دە چىڭ تۇرۇشنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق تەدبىرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۆزلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    ئىشەنچ كۈچەيتىلىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۇرغۇتۇلدى

  يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاڭدى بازىرى كونا بازار كەنتىنىڭ دېھقانلار كەچلىك كۇرسىدا، ھەر كۈنى يېقىملىق ۋە رەتلىك دېكلاماتسىيە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دېھقانلار كەچلىك كۇرسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەردى.

  كەنت ئاھالىسى ئابلەت مەمەت مۇنداق دېدى: تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارىمدا ئىلگىرىلەش بولدى. مەن جەزمەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، ئىشچان ئىككى قولۇمغا تايىنىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن.

  تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش يېڭى كەيپىياتى يارىتىش − كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىللە، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۇبيېكتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇكاپاتى تولۇقلىمىسى، ئەمگەك تولۇقلىمىسى، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش قاتارلىق مېخانىزمنى قوللىنىپ، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا قاتناشتۇرۇپ، نامرات ئاممىنى «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى تۈگىتىشكە يېتەكلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەچلىك كۇرستا تەربىيەلەش، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش، ئېكسكورسىيە- ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نامرات ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نامرات ئاممىنى تەرەققىيات ئېڭى، بازار قارىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، كەينىگە بارغانسېرى قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە زور بولىدۇ. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتقاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرۇپ، بېيىش غەيرىتىنى شۇنچە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىتىپ، ھەممە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولى بولۇش، ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى