تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن

  ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن - دۇڭسەن رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما يۈچى

  مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر، پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشى، تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئاممىنىڭ ئىشىنىشىنى قەلبىمگە چىڭ پۈكىمەن، ئۇنىڭغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، شۇنداقلا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىنى چىقىش قىلىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، يالغان- ياۋىداق سەپسەتە تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. چوڭ ئىش، قىيىن ئىشلاردا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا قاراش كېرەك، بىز پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەۋىلىكىمىزنى تاۋلاپ، ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماي، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلىشىمىز كېرەك.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن. ھەربىر ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر سەمىمىي، ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن، مەردانە ھالدا، قەددىنى رۇسلاپ: «مەن كومپارتىيە ئەزاسى، مەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن، مەن كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن» دېيىشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىقى ئەڭ تۈپ سىياسىي تەلەپ ۋە سىياسىي تۇرمۇش مىزانى بولۇپ، ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان سىياسىي قىزىل سىزىق. مەن «پارتىيەگە كىرگەن كۈندىن باشلاپ، ئۆمۈرۋايەت چىڭ تۇرۇش» دېگەن ئەقىدىدە باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، كەسىپكە مۇتلەق مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەلىك كادىرغا خاس ئۈلگىلىك رولۇمنى باشلامچىلىق بىلەن جارى قىلدۇرىمەن. مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەققانىيەت ساداسىنى كۈچلۈك ياڭرىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ياخشى نەمۇنە بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئىككى پان» ئىدىيەسى ۋە بۆلگۈنچىلىك سۆز- ھەرىكەتلىرىنى تەنقىدلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىمەن. ئىشنى كىچىك ئىشلار، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىن باشلاپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەلبتىن ھىمايە قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، باشتىن- ئاخىر ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش، سادىق، ئىشەنچلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەھكەملەيمەن. چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر بىزدىن كىشىلەر قەلبىنى تالىشىش، بازىنى تالىشىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تالىشىش كۈرىشىنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويغىنى يوق. مەن باشلامچىلىق بىلەن مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ساپلاشتۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەيدىغان جىنايى قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن، مائارىپ سىستېمىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن. پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپلەرنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بازىغا ئايلاندۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى