تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلدى

  بىر نەچچە قىزىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى زىچلاشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن ئەرزان باھالىق ئايروپىلان بېلىتى بازارغا سېلىندى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى چاغانلىق يولۇچى توشۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئۈرۈمچىدىن سەنيا، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان قىزىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئالدىن نۇرغۇن ئەرزان باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى بازارغا سېلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتى.

  ئەسلىدىكى ھەر ھەپتىنىڭ 1- ، 3- ، 5- ، 6- كۈنلىرى ئۈرۈمچى - ئىسلامئابادقا بېرىپ - كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاساسىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يەنە ھەپتىنىڭ 2- كۈنى ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى يەتتە نۆۋەتكە كۆپەيتىپ، ئەسلىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى بىلەن كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۈرۈمچى- جېڭجوۋ لىنىيەسىدە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلگەن مەزگىلدىكى بۇ لىنىيەدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ھەر كۈنى بەش نۆۋەتكە يەتكۈزىدۇ. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى- سەنيا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان بېرىپ- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، بېرىش مۇساپىسىدە سائەت 11دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە سەنياغا يېتىپ بارىدۇ، قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە سەنيادىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 0دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ.

  چاغاندىن بۇرۇن ئالدىن بېلەت سېتىۋالغاندا، شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىدىغان ئېتىبار باھالىق بېلەتلەرنى يەنىلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئاساسلىق قىزىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ باھاسى تۆۋەندىكىدەك: ئۈرۈمچى- بېيجىڭ 870 يۈەندىن، ئۈرۈمچى- گۇاڭجوۋ 1320 يۈەندىن، ئۈرۈمچى- شاڭخەي 1760 يۈەندىن باشلىنىدۇ، ئۈرۈمچى- سەنيا 2160 يۈەندىن، ئۈرۈمچى- شيامېن 2390 يۈەندىن، ئۈرۈمچى- چېڭدۇ 1280 يۈەندىن، ئۈرۈمچى- جېڭجوۋ 1430 يۈەندىن باشلىنىدۇ. شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە باھا ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى بولمايدۇ، بىراق ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنىڭ سانى چەكلىك بولۇپ، باھاسى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

  چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە بېلەت باھاسىدا بىر قەدەر كۆپ ئېتىبار بېرىلىدۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، قەشقەر، ئاقسۇ، ئالتاي، قاراماي، بورتالا قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىمۇ ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى