تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى

  ــــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى نەتىجە- ئۈنۈم ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى قەتئىي ھالدا يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى نامايان قىلغان بولۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز پەقەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى چىڭ ئىگىلەپ، قەتئىي ھالدا ئومۇمىي تەلەپنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كۆزلىمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرساقلا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. مۇقىملىق بولمىسا، ھەممە ئىش نۆلگە تەڭ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ تۈزگەن بىر يۈرۈش سىياسەت- تەدبىر تامامەن توغرا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىز جەزمەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى قىلىشىمىز كېرەك.

  ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، پۇرسەتنى تۇتۇش، پۇرسەتتىن پايدىلىنىش داۋامىدا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش كېرەك. 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىز ھەم مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئىككى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ۋەزىيەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز، ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىق ۋە كەمتۈكلۈكنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى «مەركەز ئەھمىيەت بېرىش، سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، مۇقىملىق پايدىسى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش»تىن ئىبارەت بەش چوڭ پۇرسەت داۋامىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا، خەۋپ- خەتەرنى ئەمىنلىككە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش»نىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  «سەككىز خەتلىك» فاڭجېننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى جەزمەن ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنىڭ تەلىپى قىلىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىش كېرەك. «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىش 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە جەزمەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان نۇقتىلىق خىزمەت. جايلار، تارماقلار «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىشنى سىياسىي مەيدان ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دەل تەدبىر قوللىنىپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى غەلىبىلىك تاماملاش ئۈچۈن ئاساس سېلىشى كېرەك.

  «ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش، بوشلۇقنى كېڭەيتىش كېرەك. پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى