تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىلدى

  مۇخبىرىمىز جاڭ يۈنمېي

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تەرەپ كۈچلەر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قۇدرەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى. ھازىر كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر ماھارەت ئۆگىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتتى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ مۇقىملىقنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ مەنبەسى.

  پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرتىپ بىلەن شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

    سىياسەت مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسقاتىدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى

  ئەنخۇيدىكى خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان سالامەت ئىدرىس ئىشلىگەنسېرى غەيرەتكە تولدى. 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، سالامەت مۇنداق دېدى: مەن ھازىر ھەر ئايدا 4500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.

  سالامەت گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى لەڭگەر كەنتىدىن. 2017- يىلى، ئۇ گۇما ناھىيەسىدىكى باشقا 102 نەپەر دېھقان قىزى بىلەن بىللە شىركەتكە كېلىپ ئىشلىگەن. سالامەت مۇنداق دېدى: كېلىشتىن ئىلگىرى، ھۆكۈمەت بىزنى ھەقسىز تەربىيەلىدى، بۇنىڭ بىزگە بولغان ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولدى. ھازىر ماھارىتىمنىڭ كۈنسېرى پىشىشىغا ئەگىشىپ، كىرىمىم بارغانسېرى ئاشتى، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇم، يېتەرلىك پۇل يىغقاندىن كېيىن، مۇۋاپىق پۇرسەتتە يۇرتۇمغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەيمەن.

  سالامەت بەھرىمەن بولغان ھەقسىز تەربىيەلەش دەل ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدۇر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تەربىيەلەش سىياسىتى بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە تەربىيەلىنىش تەلىپى بار بارلىق ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلىنىش قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى نۇقتىلىق رايون قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، «ئىككىنى پۈتكۈزۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار»(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار) ۋە يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى نۇقتىلىق توپ قىلىپ، نۇقتىلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويدى.

  بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىشى، ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، ئومۇمەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن كارخانا ۋە شەخسلەردىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىدىن بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    تۈزۈلمە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى

  مەرىگۈل ئابلەت پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: 2017- يىلى، ئۆيدىن ئايرىلغان چاغدا، يەنە 30 مىڭ يۈەن قەرزىمىز بار ئىدى، 2018- يىلى 4- ئايدا قەرزلەرنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئامانەت پۇل قويالىدۇق.

  مەرىگۈل يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان يېزىسى يىكەنكۆل كەنتىدىن. 2017- يىلى 4- ئايدا، ئاپتونوم رايون قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدە شەھەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويدى. بىرىنچى تۈركۈمدە مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەرىگۈل ۋە ئېرى شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى خۇاتەي شىركىتىگە ئىشقا چۈشۈپ، كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ كىشى مەرىگۈلگە ئوخشاش، كىشىلىك ھاياتىنى ئۆزگەرتتى. 2018- يىلى 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 2 مىليون 796 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن 1 مىليون 736 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەردىن 82 مىڭ كىشى تەشكىللىك يۆتكەلدى.

  بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پۈتۈنلەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە داۋاملىق كۈچەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىگەنلىكىدىن بولدى: 2017- يىلى ئاپتونوم رايون قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانى ۋە ساياھەتچىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يىرىك پىلانىنى يولغا قويدى.

  بۇ ئۈچ يىرىك پىلاننىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇشنى يېتەكچى قىلغان تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ئەمگەكچىلەرنى چىقىرىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى، نەتىجە- ئۈنۈمنى باھالاش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى، خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى، باشقۇرۇش- مۇلازىمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

    بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم گەۋدىلەندۈرۈلدى

  «ھازىر كەنتىمىزدىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتقا ئىشلىگىلى كەتتى، باشقا ئەمگەك ئىقتىدارى بار دېھقانلارغا قارىتا، بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال ياردەم بەردۇق» دېدى قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى شى شۇۋوزا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى دۇڭ جىڭ.

  خوتەن خاۋشۆلاڭ كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتى كارخانىنى راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىش بىلەن بىللە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پائال ياردەم بەردى. «شىركىتىمىز 2017- يىلى 4- ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، لوپ ناھىيەسىدە كەنت كارخانىسىدىن جەمئىي 20نى قۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 1400دىن كۆپرەكنى ئىشقا قوبۇل قىلدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى بەي ياڭفۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تەرەپ كۈچلەر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قۇدرەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى. ھازىر كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر ماھارەت ئۆگىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن تاۋلاندى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا، بۇ تۈرلۈك خىزمەت ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى