تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى باشلامچى بولغان تۈر دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  شىنجاڭ قاتناشقان كۆپ تۈر 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، 2018- يىللىق دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى باشلامچى بولۇپ مەسئۇل بولغان «ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى قورام تاشلىق نېفىت زاپىسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش نەزەرىيە تېخنىكىسى ۋە ماخۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى نېفىتلىكنىڭ بايقىلىشى» تۈرى دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ھەمكارلىشىپ قاتناشقان كۆپ تۈر ئايرىم- ئايرىم ھالدا دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى باشلامچى بولۇپ مەسئۇل بولغان «ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى قورام تاشلىق نېفىت زاپىسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش نەزەرىيە تېخنىكىسى ۋە ماخۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى نېفىتلىكنىڭ بايقىلىشى» تۈرىدە، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ماخۇ ئويمىنى تەجرىبە رايونى قىلىنىپ، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى قورام تاشلىقتىن ئىبارەت بۇ يېپيېڭى چارلاپ تەكشۈرۈش ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، «ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندا زور كۆلەملىك قورام تاشلىق نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسى يېتىلمەيدۇ» دەيدىغان ئەنئەنىۋى نەزەرىيەۋى بوشلۇق تولدۇرۇلغان، خەلقئارادا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى قورام تاشلىق نېفىت زاپىسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش نەزەرىيە تېخنىكىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى تەييار قورام تاشلىق نېفىتلىكى بايقالغان، ماخۇ نېفىتلىكى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم بازىغا ئايلانغان.

  ماخۇ نېفىتلىكىنىڭ بايقىلىشى ئېلىمىزنىڭ نېفىت چارلاپ تەكشۈرۈشتە يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ساھەدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ، 2017- يىلىغىچە ئۈچىنچى دەرىجىلىك نېفىت گېئولوگىيە زاپىسىدىن 1 مىليارد 240 مىليون توننا بايقالدى، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى قورام تاشلىق نېفىت زاپىسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش نەزەرىيە تېخنىكىسى سىستېمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2018- يىلى يەنە يېڭىدىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك نېفىت گېئولوگىيە زاپىسىدىن 300 مىليون توننىدىن ئارتۇق بايقىلىپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى باشلامچىلىق ئورنىغا ئاساس سېلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى كەسىپداشلارنى ئۆرنەك قىلغىلى بولىدىغان جۇڭگو نەزەرىيەسى ۋە جۇڭگو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ دۇنيادىكى بايلىق يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى قورام تاشلىقنىڭ 21- ئەسىردىكى نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاپ تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم، زور ئىز باسما ساھەگە ئايلىنىپ، يېڭى نېفىت پەن- تېخنىكا ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، نېفىت گېئولوگىيەسى ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىدىن ئۈمىد بار.

  «بۇ شىنجاڭ نېفىتلىك پەن- تېخنىكا نەتىجىسىدىكى يېڭى ئابىدە!» شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، باش گېئولوگىيە ئىنژېنېرى جى دۇڭمىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ماخۇ نېفىتلىكى «13- بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 10 مىليون توننىدىن ئاشۇرالايدۇ، «14- بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن يەنە 10 مىليون توننىغا يەتكۈزۈپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 5 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇش ھەم سەككىز يىل مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ماخۇ ئويمىنى يەنە قايتا بايقاش زاپىسى 1 مىليارد توننىدىن ئاشىدىغان بايلىق شارائىتىنى ھازىرلىغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شېنياڭ تىرانسفورموتور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ قاتناشقان «دەرىجىدىن تاشقىرى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور/ رېئاكتوردىن سىم چىقىرىش قۇرۇلمىسى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشتا قوللىنىلىشى»، «شېنخۇا شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسى، جۇڭگو جۇڭمېي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ھەمكارلىشىپ قاتناشقان «غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆمۈر ۋە كۆمۈر قاتلىمىدىكى گازنى ھەمكارلىشىپ چارلاش ۋە ئېچىش گېئولوگىيە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى»، شېنخۇا شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەمكارلىشىپ قاتناشقان «كۆمۈرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئايرىش، تاللاش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى» قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 34 تۈرلۈك نەتىجە دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى ئىچىدىكى پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ياكى تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغاچقا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى